لۇغەتنى كۆرۈش
- بادپا/ بادپاي — تېز يۈرىدىغان ، يۈگۈرۈك، يەلتاپان؛ [بادپانىڭ تۇيناغى -- ئاتنىڭ تۇياقى]؛
- بادگىر — شامال تارتقۇچى تۈڭلۈك؛ بۇرۇن تۆشۈكى؛ [ئىككى بادگىر -- بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈكى]؛
- بادى بۇرۇت — تەكەببۇرلۇق ؛ كىبىرلىنىش؛
- بادى خەزان — كۈز شامىلى؛
- بادى رەپتار — شامالدەك تېز يۇرمەك؛ شاتۇر.
- بادى سەرسەر — قاتتىق شامال ؛ شىۋىرغان؛
- بادى مۇخالىق — تەتۈر شامال ؛
- بادىئى رەي — دەسلەپكى پىكىر ؛
- بادىئى نەزەر — دەسلەپكى قاراش؛
- بادىي — ؛1) شامال بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ؛ يەلكەنلىك ؛ پۇۋلىنىدىغان؛ 2)باشلىغۇچى ، ئالدى بىلەن قول تەۋرەتكۈچى ؛ زاھىر ، ئاشكارا؛
- بادىيە — دەشت،سەھرا،چۆل،باياۋان؛ [بادىيە ئەھلى -- چۆلدە ياشىغۇچى ، سەھرايى ، بەدەۋى]؛ [بادىيە پەيماي -- سەھرادا يۈرگۈچى ، سەھرالى
- بادىيەئى فىراق — ئايرىلىش چۆلى ، پىراق دەشتى؛
- بار — ؛1) يۈك؛ 2) ھوسۇل ، مېۋە ؛ 3)قېتىم، مەرتە ، نۆۋەت ؛ كەررە؛ [نەچەبار -- نەچچە قېتىم]؛ [بارلار -- قېتىملار]؛ 4)ئىجازەت ، ر
- بار / ئىگە بولۇش / قىلىش (پېئىل) — Have دېگەن سۆز ئىنگلىز تىلىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە كۆپ مەنالىق پېئىللەردىن بىرى؛ (1)بىر نەرسەنىڭ ئىگەسى بولۇش ياك
- بار بەست — يۈك تاڭغۇ؛
- بارات — بەرات ؛ 1 [ بارات ئاي -- ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە 8 - ئاي (شەئبان )]؛
- باران — يامغۇر؛ [تىرباران -- ئوق ياغدۇرۇش]؛
- بارانغار — بۇرانغار؛
- باراۋەت — ئۆز-ئارا پۇل يىغىش قىلىپ سىرتقا تاماشىغا چىقىش ياكى زىياپەت قىلىش.
- بارە — ؛1) قېتىم، مەرتەۋە ، نۆۋەت؛ 2)[بارەسىدە -- خۇسۇسىدا،ھەققىدە،توغراسىدا]؛ 3) قەلئە،قورغان،سېپىل،قاشا؛ 4) ئات ؛ ئۇلاغ؛
- بارەئى سۈرئەتنەما — چاپقۇر ئات،يۈگۈرۈك ئات؛
- بارەكەللاھۇ — ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن ؛ ئاللاھ مۇبارەك قىلسۇن!!
- بارەندە — ياغقۇچى، تۆككۈچى ، ياغدۇرغۇچى؛ [ئەبر بارەندە -- يامغۇر تۆككۈچى بۇلۇت]؛
- باربەد — خىسراۋ پەرىۋىزنىڭ داڭلىق مۇزىكاچىسى؛