لۇغەتنى كۆرۈش
- باخشى — دەپتەر تۇتقۇچى، كاتىپ ؛ تېۋىپ ؛ كاتتا زىيالى ، ئوردا مۇئەللىمى،دوكتور؛
- باخۇسۇس — خۇسۇسەن ، بولۇپمۇ؛
- باخىرەد — ئەقىللىق ، دانا؛
- باد ئاۋەرد — شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن؛ ئۆزلۈكىدىن كەلگەن ، ئەمگەكسىز قولغا كەلگەن]؛ [گەنجى باد ئاۋەرد -- شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن خەزىنە]؛
- باد پەيما/ باد پەيماي — چاپقۇر ئات ، يۈگۈرۈك ئات ؛ بىھۇدە ئىشلار كەينىدىن چېپىپ يۈرگۈچى، ھاماقەت؛
- باد مۇخالىپ — تەتۈر چىققان شامال؛مۇخالىپ تەتۈر؛ قارشى.
- بادائى — ئىچكىلىك.
- باداڭ — بورا بىلەن ياسالغان گۈمبەز شەكىللىك ئاددى ئاشلىق ئامبارى؛ تېگى چاسا، ئاغزى يۇمىلاق چوڭ سېۋەت.
- بادام — بادام بىر خىل يەمىش بولۇپ، Prunus dulcis دەرەخىنىڭ مېۋىسىدىن ئېلىنىدۇ. ئۇ تاشقى قىسمى قاتتىق، ئىچىدە يېيىلىدىغان يادروسى
- بادامە — بادام كەبى، بادام شەكلىدەكى ، بادام نۇسخە ، بادامغا ئوخشاش؛ [بادامە مۆھر -- بادام شەكلىدە ياسالغان مۆھۈر]؛
- بادە — مەي؛ شاراپ؛ ھاراق
- بادە — مەي ، ئىچكۈلۈك ، شاراب ؛ قەدەھ؛
- بادە ئاشام/ بادەخور — مەيخور ، ئىچەرمەن؛
- بادە پەرەست — شارابقا بېرىلگەن ، مەيخۇمار ، ئىچەرمەن؛ مەي قۇيغۇچى ،ساقىي؛
- بادە پەيما/بادە پەيماي — مەي قۇيغۇچى ، ساقىي؛ ھاراق ئىچكۈچى ، مەيخور؛ ھاراق ئىچىش، ھاراق تېتىپ بېقىش]؛
- بادە پەيمالىغ — ساقىيلىق، مەي قۇيغۇچىلىق ؛ مەيخورلۇق ، ئىچەرمەنلىك؛
- بادە نۇش — مەي ئىچكۈچى ، مەي ئىچكەن ، مەيخور ، ئىچەرمەن؛
- بادەئى تەھۇرا — ساپ مەي،سۈزۈك مەي؛
- بادەئى رەنگىن — رەڭدار مەي ، قىزىل مەي؛
- بادەئى ساف — ساپ مەي ، سۈزۈك شاراب؛
- بادەئى كەۋسەر — جەننەتتىكى كەۋسەر بۇلىقىنىڭ سۈيى؛
- بادەئى ناب — تىنىق مەي ، ساپ مەي؛
- بادەئى ھۇمرا — قىزىل مەي؛
- بادبان — يەلكەن؛ يەلكەنلىك كېمە؛ [بادبان بۇزماق -- يەلكەن چۈشۈرمەك]؛