لۇغەتنى كۆرۈش
- ئىھمال — بىپەرۋالىق، سۇسلۇق ، سولاشلىق؛ [ئىھمال ئەيلەمەك، ئىھمال قىلماق --- بىپەرۋالىق قىلماق ، بوش كەلمەك]؛
- ئىھيائ — تىرىلدۈرۈش ، جان كىرگۈزۈش ، ھايات بېرىش؛ [ئىھيائى ئەمۋات --- ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشى]؛
- ئىھيائ كەردە — جانلانغان ، تىرىلگەن ؛
- ئىۋەدىم — چاققان؛
- ئىۋەر — قەرز؛ جاۋاپ؛
- ئىۋەز — بەدەل ، بىر نەرسەنىڭ ئورنىغا دەستىللەنگەن ئىككىنچى نەرسە ، تەڭ قىممەتلىك نەرسە، كۆپلۈكى: ئەئۋاز؛
- ئىۋەزەن — بىر - بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ، تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇپ؛
- ئىۋەن — كەمچىلىك؛ يېتەرسىزلىك؛
- ئىيا — ؛(1) ئالىقان ؛ (2) ئىگە، خوجا؛
- ئىيادەت — كېسەل كۆرۈش ، كېسەل يوقلاش ، كېسەلدىن ھال سوراشقا بېرىش؛
- ئىيار — ئالتۇن ، كۈمۈش قاتارلىقلارنىڭ باشقا ئارىلاشمالاردىن تازىلانغانلىرى، ساپ ئالتۇن - كۈمۈش؛ ئۆلچەم؛ [ساھىب ئىيار --- خىللىغۇ
- ئىياسىز — ئىگەسىز ، ئىگە - چاقىسىز؛
- ئىيال /ئەيال — خوتۇن ، ئايال ؛ بالا - چاقا؛ [ئەھلۇ ئىيال --- خوتۇن،بالا - چاقا ، ئائىلە]؛
- ئىيالاماق — ئىگەدارچىلىق قىلماق ، باشقۇرماق ، تەسەررۇپ قىلماق؛
- ئىيان — ئاشكارا ، ئوچۇق ، روشەن ؛ بۇقۇسا ، ساپان؛
- ئىيەر — ئىگەر؛
- ئىيدگاھ — ئىيدگەھ ؛
- ئىيزائ — ئازار بېرىش ؛ خىجالەت قىلىش ، ئۇيالدۇرۇش؛ [ئىيزائ بەرمەك --- ئۇيالدۇرماق]؛
- ئىيزاھ — ئوچۇق بايان قىلىش ، روشەن قىلىپ كۆرسىتىش ، ئىزاھلاش؛
- ئىيزاھات — ؛«ئىيزاھ»نىڭ كۆپلۈكى : ئىزاھلار؛
- ئىيسا — خىرىستىيانلار پەيغەمبىرى ، ئىيسا ئەلەيھسسالام (ئەدەبىياتتا كۆپىنچە ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگۈچى كۈچ مەناسىدە ئىشلىتىلىدۇ)؛ [ئىيس
- ئىيسار — بېغىشلاش؛ [ئىيسار ئەتمەك، ئىيسار ئەيلەمەك --- بېغىشلىماق]؛
- ئىيساۋىي — ئەيسا پەيغەمبەر دىنىدىكى ئادەم ، خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇرىتى؛
- ئىيفائ — ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ، لەۋزىدە تۇرۇش ؛ ئورۇنلاش ، ئادا قىلىش؛