لۇغەتنى كۆرۈش
- ئىھتىجاب — پەردىلىنىش ، ئۆزىنى يوشۇرۇش؛
- ئىھتىجاج — دەلىل كۆرسىتىش ، ئىسپات ئۈچۈن ھۆججەت كۆرسىتىش؛
- ئىھتىجام — تەندىن قان ئالدۇرۇش ، بەدەنگە قىزىق لوڭقا قويۇش يولى بىلەن قان چىقىرىش (تېببىي داۋالاشتا)؛
- ئىھتىدائ — توغرا يولغا يۆنىلىش ، توغرا بولغا يۈزلىنىش ، ھىدايەت تېپىش؛
- ئىھتىراز — ئېھتىياتلىنىش ، ھەزەر قىلىش ، ساقلىنىش؛ [ئىھتىراز ئەتمەك، ئىھتىراز ئەيلەمەك ---ئېھتىيات قىلماق ، ساقلانماق]؛
- ئىھتىرام — ھۆرمەت ، ھۆرمەتلەش؛ [ئىھتىرام ئەتمەك، ئىھتىرام ئەيلەمەك --- ھۆرمەت قىلماق]؛
- ئىھتىرامەن — ھۆرمەتلەپ ، ھۆرمەت يۈزىسىدىن؛
- ئىھتىزار — ئۆلۈم قۇچىقىدا يېتىش ، سەكرات ، ئۆلەر ھالەت؛
- ئىھتىزاز — تىترەش ، تەۋرەش ، يەڭگىل سىلكىنىش؛
- ئىھتىساب — ھېساب ئېلىش ، تەھقىقىلەش ، تەكشۈرۈش؛ [ئىھتىساب ئەھلى --- ھېساب ئالغۇچىلار؛ تەھقىقلىگۈچىلەر، تەكشۈرگۈچىلەر؛
- ئىھتىشام — ھەشەمەت ، سۆلەت ، دەبدەبە ؛
- ئىھتىفال — يىغىلىش ، مەجلىس ؛ قاتار ، سەپ ، قوشۇن ؛ تەبرىكلەش؛
- ئىھتىكار — نەرسەلەرنى كەلگۈسىدە ھايىنىغا سېتىش غەرىزىدە بېسىۋېلىش ،بېسىمدارلىق ؛ ھايانكەشلىك؛
- ئىھتىلام — چۈشىدە جىمادا بولۇپ، ئالەت ياكى پەرجىدىن مەنى كەتمەك؛ ئىھتىلام --ئەرلەردە، بولۇپمۇ ياشلاردا ئۇيقۇ ۋاقتىدا، كۆپىنچە جىنسى
- ئىھتىمال — مۇمكىنچىلىك ، ئىمكانىيەت بارلىق؛
- ئىھتىمام — ئەھمىيەت بېرىش ، دىققەت قىلىش ؛ تىرىشىش؛ [ئىھتىمام ئەيلەمەك، ئىھتىمام ئەتمەك --- ئەھمىيەت بەرمەك ، دىققەت قىلماق ، غەيرە
- ئىھتىيات — ئېھتىيات ، ساقلىنىش ، ئالدىنى ئېلىش ؛ ئىستىھكام ، ساقلىنىش تەدبىرى؛ زاپاس قىسىم؛
- ئىھتىياتەن — ئېھتىيات قىلىش يۈزىسىدىن ، ساقلىنىش ئۈچۈن؛
- ئىھتىياج — ھاجەت ، تەلەپ ؛ مۇھتاجلىق ، كۆپلۈكى: ئىھتىياجات ؛
- ئىھداس — يېڭىلىق يارىتىش ، يېڭىلىق ، يېڭى ۋەقە پەيدا قىلىش؛
- ئىھرام — ھەج قىلغاندا ھاجىلار كىيىدىغان كىيىم؛
- ئىھزار — ھازىر قىلىش ، ھازىرلاش ، تەييارلاش ؛ ھۇزۇرىغا چاقىرىش ، ئالدىغا كەلتۈرۈش ؛ ئالىپ كېلىش؛
- ئىھساس — ھېس قىلىش ، سېزىش ، بىلىش ؛ قېنىقلاش ، سېزىم ، تۇيغۇ؛ [ئىھساس قەتمەك، ئىھساس ئەيلەمەك --- ھېس قىلماق ، سەزمەك ، بىلمەك]؛
- ئىھسان — ياخشىلىق ، بىراۋغا بىرەر نەرسەنى بېغىشلاش ، ھەدىيە قىلىش؛