لۇغەتنى كۆرۈش
- ئىڭرەمەك — ئىڭرىماق . مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن ئېزىلىپ يىغلىماق؛
- ئىڭمەك — پۇرىماق ، پۇراپ چىقماق ، پۇراپ باقماق؛
- ئىلاج — داۋا ؛ سەۋەب ، چارە ، ئىلاج ؛ [ئىلاج پەزىر --- تۈزۈلىدىغان ، ساقىيىدىغان ؛ نەتىجە بېرىدىغان]؛
- ئىلاھ — چوقۇنۇش ئوبيېكتى ؛ ئاللاھ ، خۇدا ؛
- ئىلاھە — ئەي رەببىم ، ئەي خۇدايىم ؛ ئاللاھ ، خۇدا؛ [ئەمرى ئىلاھە --- ئاللاھنىڭ ئىشى]؛
- ئىلاھىي — دىنىي ، ئىلاھقا مەنسۇپ؛
- ئىلاۋ — يازما ماتىرىياللارغا قوشۇلغان قوشۇمچە مەزمۇن؛
- ئىلاي/ ئىلەي — ئالد ، ھۇزۇر؛ [ئىلايدە --- ئالدىدا ، ھۇزۇرىدا ، قېشىدا ، يېنىدا]؛ [ئەل ئىلايدە --- خەلق ئالدىدا، جامائەت ئالدىدا]؛
- ئىلە/ئىلا — ؛« .......گىچە ، .......گە» مەناسىدىكى ئالدى قوشۇلغۇچى؛ [ئىلە غايە --- ئاداققىچە]؛ [ئىلە نىھايە --- ئاخىرىغىچە]؛ [ مىن ئ
- ئىلەشكەك — كىشىلەر بىلەن چىقىشقاق؛ ئاممىغائارىلاشقۇچى؛
- ئىلەك — ؛(1) باغ ، يىپ ؛ باغلىنىش ؛ (2) غەلۋىر ؛
- ئىلەكلەمەك — باغلىماق ؛
- ئىلەمەك — ئەيلىمەك ، ئاشلىماق (تېرىنى) ؛
- ئىلەنچەك — بىزار قىلارلىق ، زارلاندۇرارلىق؛
- ئىلەنمەك — ھاياجانلانماق ، زارلانماق ؛ يالۋۇرماق ، سورانماق؛
- ئىلەيسە — ھەممە يەردە ، قەيەردە بولمىسۇن؛
- ئىلباس — كىيىندۈرۈش ؛
- ئىلباسۇن — ياۋايى قۇشلار ، ئوۋ قىلىنىدىغان قۇشلار؛
- ئىلپىرەتمەك — يىرىڭلاتماق ، ئىسسىقتا پىشۇرماق؛
- ئىلتىباس — خىرەلىك ، خۈنۈكلۈك ، ئېنىقسىزلىق ، ئوچۇق ئەمەسلىك؛
- ئىلتىپات — مەرھەمەت؛ ياخشىلىق؛غەمخورلۇق قىلىش؛مېھرىۋانلىق قىلىش؛ كۆزقاراش؛
- ئىلتىجا — يېلىنىش ، يالۋۇرۇش ، سېغىنىش ، پاناھلىنىش؛ [ئىلتىجا كەلتۈرمەك --- سېغىنماق ، پاناھ تىلىمەك]؛
- ئىلتىراق — يالتىراق، پارقىراق؛
- ئىلتىراماق — يالتىرىماق ، پارقىرىماق؛