لۇغەتنى كۆرۈش
- ئىكلەنمەك — تۇرۇپلا قالماق ، بىر جايدا توختاپ قالماق ، قادىلىپ تۇرۇپ قالماق؛
- ئىكمال — كامالىغا يەتكۈزۈش ، تاكامۇللاشتۇرۇش ، مۇكەممەل قىلىش ، تاماملاش، تۈگىتىش؛
- ئىكى قاۋى — كۈچلۈك؛ قۇۋۋەتلىك؛
- ئىكىرەر — ئىككىدىن ؛
- ئىكىز — قوش ، قوشكېزەك؛ [ئىكىز ئوغلان --- قوشكېزەك بالالار؛ ئىككى لەۋ]؛
- ئىكىزەك — قوش كېزەك؛
- ئىكىشەر — ئىككىدىن ؛
- ئىگ — كېسەل، ئاغرىق؛
- ئىگەچى — ئاچا ؛
- ئىگەرلىك — ئاچقىل . قىرتاق؛
- ئىگەرمەك — ئايلاندۇرماق ؛ ئىگىرمەك ؛
- ئىگدە — جىگدە؛
- ئىگرەمەك — ئىڭرىماق؛
- ئىگرەنج — يىرگىنىش ، بىزارلىق؛
- ئىگرەنجلىك — يىرگىنىشلىك ، بىزار قىلارلىق؛
- ئىگرەنمەك — ئەلەمنى ئىچگە يۇتۇپ خۇپىيانە يىغلىماق ، دەرد ئىچىدە ئاۋازسىز يىغلىماق؛
- ئىگرىم — گىرداپ ، قاينام ، سۇنىڭ چۆرگىلەپ ئېقىشى ، سۇ چۆرگىلەپ ئاقىدىغان جاي؛
- ئىگلەمەك — ئاغرىماق ، كېسەل بولماق؛
- ئىگلىك — كېسەللىك ، ئاغرىقلىق؛ كۆچمە مەناسى: قاتتىقچىلىق ، قىيىنلىق؛
- ئىگىچى — ئاپا؛ ھەدە (ئاچا)؛
- ئىگىر — Acorus(ئىسىم)-- Acoraceae ئائىلىسىگە كىرىدىغان، ئادەتتە سۇ بويىدا ياكى نەملىك يەردە ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق ئو ت ئۆسۈملۈك ت
- ئىگىرمەك — ؛(1) ئىگىرمەك ، يىپ پىشىلدۇرماق ، يىپ ئىگىرمەك ، يىپ ئەشمەك؛ (2) ئورىماق ، چۆرىدىمەك ، ئىھاتىلىمەك؛
- ئىڭەك — ئىڭەك؛
- ئىڭەك — ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛