لۇغەتنى كۆرۈش
- ئىفشائ — پاش قىلىش ، ئېچىش ، ئاشكارا قىلىش؛ [ئىفشائ ئەتمەك، ئىفشائ ئەيلەمەك، ئىفشائ قىلماق ---- ئېچىپ تاشلىماق ، پاش قىلماق]؛
- ئىففەت — پاكلىق ، پاكىزلىق ؛ نومۇس ؛ يامانلىقتىن ساقلىنىش؛
- ئىففەتپەناھ/ئىففەتمەئاب — ئىپپەتلىك ، نومۇسلۇق ، پاك؛
- ئىفلاس — ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش ، سۇنۇش ؛ پۇلسىزلىق ، كەمبەغەللىك؛
- ئىفنائ — گۇمران قىلىش ، يوقاتىش ؛ ئىشلىتىپ بولۇش ، تۈگىتىش ؛
- ئىفھام — چۈشەندۈرۈش ، ئاڭلىتىپ بىلدۈرۈش ، پەم قىلدۇرۇش؛
- ئىقاب — جازا ، ئازاب ، قىيناق؛
- ئىقالە — ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ئۆزئارا كېڭىشىپ سودىنى بۇزۇش ، سودىدىن يېنىش؛
- ئىقامە — تۇرغۇزۇش ، ئورنىتىش ؛ كۆتۈرۈش ؛ كۆرسىتىش ؛ يۈرگۈزۈش ؛ ق.ئىقامەت ؛
- ئىقامەت — بىر جايغا ماكانلىشىش ، تۇرۇپ قېلىش ؛ مۇقىملىشىش؛ [ئىقامەت ئەتمەك، ئىقامەت ئەيلەمەك --- تۇرۇپ قالماق]؛ [ مەنزىلى ئىقامەت
- ئىقامەتگاھ — تۇرۇشلۇق جاي ، ئولتۇراقلاشقان ماكان؛
- ئىقبال — دۆلەت ، بايلىق ، بەخت - تەلەي ، ئامەت؛ كەلگۈسى ، يېقىن كەلگۈسى ؛ [نامەئى ئىقبال --- مېھرىبانلىق يارلىقى ؛ خۇرسەنلىك خېتى
- ئىقتار — ؛«قەتار»نىڭ كۆپلۈكى : قاتارلار ، كارۋانلار ؛
- ئىقتىباس — قەرز ئېلىش ، ئارىيەت ئېلىش ، نەقىل كەلتۈرۈش ، مىسال قىلىش ، ئىشلىتىش ، تاللاش؛ [ئىقتىباس ئەيلەمەك --- ئالماق ، ئارىيەت ئ
- ئىقتىدائ — ئەگىشىش ، دوراش؛ [ئىقتىدائ قىلماق --- ئەگەشمەك ، دورىماق]؛
- ئىقتىدائەن — ئەگەشكەن ھالدا ، دورىغان ھالدا ؛
- ئىقتىدار — قۇدرەت ، قابىلىيەت ؛ قادىر بولۇش ، بىرەر ئىشنى بېجىرەلەيدىغان بولۇش؛
- ئىقتىدارلىغ — قابىلىيەتلىك ، قادىرلىق ، بىر ئىشقا كۈچى يېتەلىگۈدەك بولۇش؛
- ئىقتىران — يېقىن كېلىش ، يېقىنلىشىش ؛ يولۇقۇش ، ئۇچرىشىش؛
- ئىقتىزائ — تەقەززالىق ، تەلەپ ، ئېھتىياج ، ئارزۇ ، ئىستەك ، ھاجەت؛
- ئىقتىسار — قىسقارتىش ، ئىخچاملاش ، يىغىنچاقلاش؛ [ئىقتىسار ئەتىلمەك --- قىسقارتىلماق]؛
- ئىقد — مەرۋايىت تىزىقى ، مۇنچاق، بويۇن ئاسقۇ؛ باغلاش ، چىگىش ؛
- ئىقدام — قەدەم بېسىش ، ئالغا بېسىش ؛ قاتتىق تىرىشىش ، ئۇرۇنۇش ، قەيسەرلىك؛ [ئىقدام قىلماق --- قاتتىق تىرىشماق؛ كىرىشمەك]؛
- ئىقرار — ئېتىراپ قىلىش ؛ مۇقىملاشتۇرۇش؛