لۇغەتنى كۆرۈش
- ئىشىق — نۇر ، يورۇقلۇق ، روشەنلىك؛
- ئىشىك
- ئىشىك — ئىشىك ؛ ھۆكۈمدار سارايى؛ [ئىشىك ئاغاسى، ئىشىك ئىختىيارى --- باش ۋەزىر ،ھۆكۈمدار يېنىدىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق بەگ]؛
- ئىشىك ئاغا — ساراي مەنسەپدارى؛
- ئىشىك قۇلۇپى — ئىشىكنى تاقاش ۋە بىخەتەرلىك مەقسەتىدە ئىشلىتىلىدىغان قۇلۇپ ئۈسكۈنەسىدۇر. Door-lock نىڭ كۆپ تۈرلىرى بار: ئەنئەنەۋى ئاچقۇچ
- ئىغاچ — يىغاچ؛
- ئىغاغ — پايداسىز ، مەناسىز؛
- ئىغتىراب — غۇربەتچىلىكتە قېلىش ، باشقا يۇرتلارغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىش؛
- ئىغتىرار — ئالدىنىش ، دامغا چۈشۈپ قېلىش ؛ مەغرۇرلۇق؛
- ئىغلاق — مۇرەككەپلەشتۈرۈش ، قىيىنلاشتۇرۇش ، يامانلاشتۇرۇش ؛ غۇۋالاشتۇرۇش ،خۇنۇكلاشتۇرۇش؛
- ئىغلاماق — يىغلىماق؛
- ئىغماز — كۆز يۇمۇش ، كۆرمەسكە سېلىش ، يوشۇرۇش ، مەيلىگە قويۇۋېتىش؛ [ئىغماز ئەتمەك --- كۆز يۇمماق ، يوشۇرماق]؛
- ئىغۋائ — ئازدۇرۇش ، يولدىن چىقىرىش ، قۇترىتىش ، يامان يولغا باشلاش؛
- ئىغىشا — ئاشكارا قىلىش ؛ پاش قىلىش؛
- ئىفادەت — پايدىلاندۇرۇش ، دەرس بېرىش ، بىلىم بېرىش ، ئۆگىتىش ؛ پايدا ، نەپ، ياخشىلىق؛ ئىپادەلەش؛ مەنا؛
- ئىفتار — ئېغىز ئېچىش ، روزىنى بۇزۇش؛
- ئىفتىتاھ — باشلاش ، كىرىشىش ؛ ئېچىش ، ئېچىۋېتىش؛ [ئىفتىتاھ ئەتمەك --- باشلىماق ، كىرىشمەك]؛
- ئىفتىخار — پەخىرلىنىش ، ماختىنىش؛
- ئىفتىرائ — بۆھتان ، تۆھمەت؛
- ئىفتىقار — مۇھتاجلىق ، بىچارەلىق ، پەقىرلىك ، يوقسۇزلۇق؛
- ئىفرات — ھەددىدىن ئېشىش ، چەكتىن ئاشۇرۇش؛ [ئىفرات كۆرگۈزمەك --- ھەددىدىن ئاشۇرماق،ھەددىدىن ئاشماق]؛
- ئىفرەت — ئارتۇقچە؛ ھەددىدىن تاشقىرى؛
- ئىفرىت — دىۋە ، جىن ، ئالۋاستى ، شەيتان؛
- ئىفساد — بۇزۇش ، سېسىتىش ، بۇزۇقچىلىق ؛ بۇزۇلۇش؛