لۇغەتنى كۆرۈش
- ئۇمم — ئانا ؛ [ئۇممى مۇسلىمىن --- مۇسۇلمانلارنىڭ ئاناسى]؛
- ئۇممەت — بىر تىلدا سۆزلەشىدىغان ئىنسانلار ، مىللەت ؛ بىر پەيغەمبەرگە تەۋە كىشىلەر ، ئۈممەت؛
- ئۇممەھات — ؛«ئۇمم»نىڭ كۆپلۈكى : ئانىلار؛
- ئۇممۇلخەبائىس — ھاراق ، شاراب (ئەسلى : يامانلىقنىڭ ئاناسى)؛
- ئۇممۇلقۇرا — مەككە شەھەرى؛
- ئۇممىي — ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان ، خەت ساۋاتى يوق ، ساۋاتسىز؛
- ئۇممىييە — ساۋاتسىزلىق؛
- ئۇمۇتماق — ئۈمىدلەندۈرمەك ، ئۈمىدۋار قىلماق ؛ ئىلھاملاندۇرماق ، رىغبەتلەندۈرمەك؛
- ئۇمۇر — ؛«ئەمر»نىڭ كۆپلۈكى: ئىشلار ، مەشغۇلاتلار؛ ۋەقەلەر ؛
- ئۇمۇقلانماق،ئۇمۇغلانماق — ئۇيۇشماق ، بىرلەشمەك؛
- ئۇمۇل — تىنچ، ئەمىن؛
- ئۇمۇلماق — ئۈمىدلەنمەك ، ئۈمىدۋار بولماق؛
- ئۇمۇنچ — ئۇمۇنۇش ، ئۈمىد؛
- ئۇمىنچ — ئۈمىد؛
- ئۇميان — ؛«ئەئما»نىڭ كۆپلۈكى : ئەمالار ، كورلار ، قارىغۇلار ؛
- ئۇناس — ؛«ئىنس»نىڭ كۆپلۈكى : كىشىلەر ، ئادەملەر ، ئىنسانلار ؛
- ئۇناماق — ئۇنىماق ، مەمنۇن بولماق ، ماقۇل كۆرمەك؛
- ئۇنتۇج، ئۇنتۇچ — قەرز ؛
- ئۇنس — يېقىنلىق ، ئۈلپەتلىك ، چىن دوستلۇق؛ [ئۇنس ئولماق، ئۇنس تۇتماق --- دوست تۇتماق؛ ئۈلپەت تۇتماق]؛ [ئۇنسۇ ئۈلفەت --- دوستلۇق
- ئۇنسۇر — ئېلېمېنت(خىمىيە) ؛
- ئۇنسۇرىييات — ئېلېمېنتلار(خىمىيە)؛ ئوت ، سۇ ، تۇپراق ، ھاۋا؛
- ئۇنف — قوپاللىق ، قاتتىقلىق ، جەبىر ، زۇلۇم؛
- ئۇنفۇن — مالغا قويۇلغان بەلگە؛
- ئۇنقاندۇرماق — ئىزا تارتقۇزماق ، خىجىل قىلماق ، قىزارتماق؛