لۇغەتنى كۆرۈش
- ئۇلۇسلارئاراسى پۇل فوندى — "International Monetary Fund (IMF)"دېگەن سۆز 1944-يىلى تەسىس قىلىنغان، ئۇلۇسلارئاراسى مالىيە ھەمكارلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئ
- ئۇلۇسى — مەلۇم دەۋلەت گىراژدانلىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۇلۇسى: Norwegians، Japanese، Dutch، Afghans، Syrian ،Americ
- ئۇلۇغ ئاتا — چوڭ دادا ، بوۋا ؛
- ئۇلۇفە — ؛(1) «ئەلەف»نىڭ كۆپلۈكى: ھەلەپلەر ، يەم - خەشەكلەر؛ يېگۈلۈكلەر؛ (2) ئەسكەر ۋە ئەمەلدارلار ئۈچۈن بەلگەلەنگەن مائاش ۋە ئوز
- ئۇلۇقسىنماق — ئۆزىنى چوڭ تۇتماق ، مەغرۇرلانماق ، ھاكاۋۇرلۇق قىلماق؛
- ئۇلۇلئەزم — قەيسەرلەر ، چىدام ۋە غەيرەت ئىگىلىرى؛
- ئۇلۇلئەمر — باشلىق ، قوماندان؛ ئىش بېجىرگۈچى؛
- ئۇلۇم — ؛«ئىلم»نىڭ كۆپلۈكى: ئىلىملار ، بىلىملار؛
- ئۇلۇم ئەۋراقى — ئىلىم تۈرلىرى ، پەن خىللىرى ؛ ئىلىمنىڭ تارماقلىرى؛
- ئۇلۇھىييەت — خۇدالىق ، ئىلاھلىق ، تەڭرىلىك؛
- ئۇلۇۋۋ — ئالىي ، يۇقارى ، ئېگىز ؛ يۇقارىلىق ، ئېگىزلىك؛ [ئۇلۇۋۋ ھىممەت --- ئالىي ھىممەت، يۈكسەك نىيەت]؛
- ئۇلۇۋۋىييەت — بۈيۈكلۈك ، يۈكسەكلىك ، يۇقارىلىق ، ئېگىزلىك ؛ ئاسمانغا مۇناسىۋەتلىك؛
- ئۇلۋىي — يۇقارىدىكى ، ئېگىزدىكى ، يۈكسەكلىكتىكى ؛ ئاسمانغا تېگىشلىك؛ [ئۇلۋىي خىرام --- ئېگىزدە يۈرگۈچى ، پېتىنى بۇزماي يۈرگۈچى، ئ
- ئۇليا — ئەڭ ئالىي ، ئەڭ يۈكسەك ، ئەڭ يۇقارى ، ئەڭ ئېگىز ؛ [مەھدى ئۇليا --- پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان]؛
- ئۇم — ئۇن؛ [ئۇم ئەتمەك --- ئۇۋۇتماق ، يەنچىمەك]؛
- ئۇماق،ئۇماغ — ئۇرۇق ، جەمەت ، قەبىلە؛
- ئۇماقلىق،ئۇماغلىق — جەمەتلىك ، قەبىلىلىك؛
- ئۇمانچ — ئۈمىد ، تەمە؛
- ئۇمانماق — ئۈمىد قىلماق ، ئۈمىد باغلىماق ، تەمە قىلماق؛
- ئۇمەرائ — ؛«ئەمىر»نىڭ كۆپلۈكى : ئەمىرلەر ، لەشكەر باشلىقلىرى؛ [ئۇمەرائۋۇزەرائ --- ئەمىرلەر ۋە ۋەزىرلەر]؛
- ئۇمەم — ؛«ئۇممەت»نىڭ كۆپلۈكى: مىللەتلەر ، خەلقلەر ، ئۇممەتلەر؛
- ئۇمدە — تايانچ ، ئاساس ، ئۇل ، ئەڭ مۇھىم ئاساس؛
- ئۇمر — ياشاش ، ھايات؛ ياشاش مۇددەتى، ھايات مۇددەتى؛ [ئۇمر سۈرمەك --- ياشىماق، ھايات كەچۈرمەك؛ ق. ئۆمر]؛
- ئۇمق — چوڭقۇرلۇق ، تىرەنلىك؛