لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھەججى ئەكبەر — قىرىق يىلدا بىر كېلىدىغان چوڭ ھەج ، بۈيۈك ھەج؛
- ھەجر — ئايرىلىش ، جۇدالىق ؛ يېتىشەلمەسلىك؛
- ھەجلەئى ناز — ناز پەردەسى ، ئەركىلەش ؛
- ھەجلەنشىن — پەردە ئىچىدە تۇرغۇچى ، نومۇسلۇق ، ئۇياتچان؛
- ھەجم — بىر نەرسەنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى؛
- ھەجمەن — چوڭ - كىچىكلىك جەھەتتە؛
- ھەجۋ — مەسخىرە ، مازاق ، سەتلەش؛
- ھەجۋى — مەسخىرە؛ زاڭلىق قىلىش.
- ھەجۋىي — مەسخىرىلىك ، مازاق قىلىنغان ، كۈلكە قىلىنغان؛
- ھەجىر — ئايرىلىش؛ جۇدالىق.
- ھەد — چەك - چېگرا؛ پايان؛
- ھەداسەت — يېڭىلىق ، ياشلىق ، نەۋقىرانلىق؛ [سىننى ھەداسەت --- ياشلىق چېغى]؛
- ھەدايا — ؛«ھەدىييە»نىڭ كۆپلۈكى : ھەدىيەلەر ، تارتۇقلار ، سوۋغىلار؛
- ھەدەر — بىكارغا كېتىش ، ئەرزىمەسلىك ، قىممەتسىز ، بىمەنە ، بىھۇدە قان تۆكۈلۈش؛
- ھەدەرەن — بىكاردىن - بىكار؛
- ھەدەف — نىشان ؛ كۆزلەنگەن جاي ؛ كۆچمە مەناسى: يۆنىلىش نۇقتىسى؛
- ھەدەقە — كۆز قارىچۇقى؛
- ھەدد — دەرەجە ، مەرتىۋە ، چەك ، چېگرا ؛ ھەق ، ھوقۇق ، ئىختىيار ؛ تەرەپ ، ياق؛ [ھەددىن سوڭ، ھەددىن تىش، ھەددىن ئۆتە --- ھەددىدىن
- ھەدداد — تۆمۈرچى؛
- ھەددۇئەد — چەك ، چېگرا ، سان؛
- ھەددى جەنۇبى — جەنۇب چېگراسى ؛ جەنۇب تەرەپ؛
- ھەددىدىن ئېشىش، ئارتۇقچىلىق، زىيادىلىك — Excess(ئىسىم/سۈپەت)--نورمال، كېرەكلىك ياكى مۇۋاپىق مىقداردىن ئېشىپ كەتكەن، ئارتۇق، زىيادە، ھەددىدىن ئاشقان دېگەن مەنانى
- ھەددىدىن زىيادە — Excessive(سۈپەت)--بىر نەرسەنىڭ نورمال چەكتىن ئېشىپ كېتىشى ياكى ھەددىدىن زىيادە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، "ھەددىدىن زى
- ھەدىد — تۆمۈر؛