لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھەبەش — نېگىر ، قارا تەنلىك ئادەم؛ [ھەبەش مەملەكەتى --- ھەبەشىستان ، ئېفىيوپىيە]؛
- ھەبەشىي — ئېفىيوپىيەلىك ، ھەبەش ، نېگىر ، قارا تەنلىك؛
- ھەبب — دان ، ئاشلىق ، ئورۇق ؛ ماشتەك ياكى ئۇنىڭدىن چوڭراق قىلىپ يۇمىلاقلانغان دورا؛ [ھەببى نەبات --- ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى؛
- ھەببە — ئورۇق ، دان ؛ دانە؛ بىر تال دان ؛ ئالتۇن ، كۈمۈش ۋە باشقا قىممەت باھالىق تاشلارنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ كىچىك ئېغى
- ھەببەزا — نېمىدېگەن ياخشى! نەقەدەر گۈزەل - ھە !
- ھەبس — سولاش ، قاماش ؛ سولاقخانا ، قاماقخانا ، تۈرمە؛
- ھەبل — يىپ ، باغ ، بوقۇچ؛
- ھەبلۇلۋەرىد — بويۇن تومۇرى؛
- ھەبلى مەتىن — ئۈزۈلمەس يىپ ، پىششىق يىپ ، ئۈزۈلمەس رىشتە؛
- ھەبىب — سۆيۈملۈك ، دوست ، ئاشنا؛
- ھەبىبا — ئەي، دوست! ئى،سۆيۈملۈك!
- ھەبىبە — دوست (ئاياللارغا قارىتىلىدۇ).
- ھەبىبۇللاھ — ئاللاھنىڭ دوستى (ئىبراھىم ۋە مۇھەممەت پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن سۈپەت) ؛
- ھەبىس — سولىماق؛ قامىماق؛
- ھەپ — پۈتۈن ، ھەممە ، بارچە ، بارلىق؛
- ھەپتە — Week(ئىسىم)-- يەتتە كۈننىڭ دەۋرى، ھەپتە؛ ۋاقىت ھېساب ۋاھىدى؛ خىزمەت-ئوقۇش دەۋرى (ئادەتتە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە). ھەپتە ھەر
- ھەتتا/ھەتتىكى ; تەكشى/جۈپ; تەڭلەشتۈرۈش — Even(رەۋىش،سۈپەت،پېئىل)--رەۋىش شەكلىدە: ھەتتا، ھەتتاكى، بەلكىم ئويلىمىغان دەرەجەدە مەناسىنى بىلدۈرۈپ، كۈتۈلمىگەن ياكى ھە
- ھەتم — ئارۇز ۋەزنى قائىدىلىرىدىن بىرى؛
- ھەجەر — تاش؛
- ھەجەركوب — تاش پارچىلىغۇچى ، تاش يانچىغۇچى ؛
- ھەجەرۇلئەسۋەد — قارا تاش (كەبەتۇللاھتا ھاجىلار تاۋاپ قىلىدىغان تەۋەررۈك تاش)؛
- ھەجەلە/ ھەجلە/ھۇجلە — چۈمپەردە، تويدا يېڭى كېلىننىڭ يۈزىگە يېپىپ قۇيۇلىدىغان پەردە؛
- ھەجج — ھەج قىلىش ، مەككىگە بېرىپ بەيتۇللانى زىيارەت قىلىش ، ھەج؛
- ھەججام — تومۇردىن قان ئالغۇچى تېۋىپ؛