لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھىلاج — ئۆمۈر بۇلىقى؛
- ھىلال — يېڭى چىققان ئاي ، ئاي ئوغاقچىسى ، يېڭىلا كۆرۈنگەن ئاي ؛ كۆچمە مەناسى: سۆيگەن يارنىڭ ئەگمە قېشى ، گۈزەللەرنىڭ قېشى؛
- ھىلالىي — ھىلالغا ئوخشاش ، يېڭى چىققان ئايغا ئوخشايدىغان؛ [ھىلالىيى جام --- ھىلالسىمان قەدەھ]؛
- ھىللا — قۇۋ.
- ھىللىييەت — ھالاللىق ؛ كەچۈرۈم قىلىش ، ئازاد قىلىۋېتىش ، بىكار قىلىش؛
- ھىلم — مەردانىلىق ، كەڭ قورساقلىق ، سەۋر - تاقەتلىك ؛ يۇمشاق تەبىئەتلىك؛
- ھىليەھۇليە — بىزەك ، زىننەت بۇيۇملىرى ؛ زىتتەتلەش ؛ بېزەش؛
- ھىمات — يۆلەنچۈك؛ پانا بولماق؛ ھامى بولماق.
- ھىمار — ئېشەك . كۆپلۈكى : ھەمىر؛ [سەۋتۇلھىمار --- ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى]؛
- ھىمايە — ساقلاش ، ئاسراش ، قوغداش؛
- ھىمە — ئوتۇن ، كەمەچ ، تۇتۇرۇق؛
- ھىمەم — ؛«ھىممەت»نىڭ كۆپلۈكى : ھىممەتلەر ، غەيرەتلەر ، تىرىشچانلىقلار ؛ نىيەتلەر ؛
- ھىمل — يۈك ؛
- ھىممەت — ئارزۇ ، نىيەت ، يۈكسەك نىيەت ، قەتئىي ئىرادە ؛ تىرىشچانلىق ،ئۇرۇنۇش؛ [بەلەند ھىممەت --- يۈكسەك نىيەت]؛
- ھىممەتسىز — يۈكسەك نىيەتى يوق ؛ قەتئىي غەيرىتى بولمىغان ؛ ئارزۇسىز ،غايىسىز ؛
- ھىنا، ھىننا — خىنە؛ [ھىنا باغلەماق، ھىنا يازماق --- خىنە قويماق ، خىنە ياقماق]؛
- ھىندونېزىيە — ھىندونېزىيە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال دەۋلەتى بولۇپ، 17،000 دىن ئارتۇق ئارالدىن تەركىب تاپقان. تارىختا، بۇ رايون سىرىۋىجا
- ھىندۇ — ھىندى ، ھىندىستانلىق ؛ كۆچمە مەناسى: قارا تۈسلۈك؛ [خالى ھىندۇ --- قارا خال]؛ [ھىندۇ بولماق --- (كۆچمە مەناسى) قۇل بولماق
- ھىندۇيى رنختە — مۇزىكا كۈيلىرىدىن بىرى؛
- ھىندى ئوكيان — ئۈچىنچى چوڭ ئوكيان، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئاۋسترالىيە ئاراسىدا؛
- ھىندىستان — ھىندىستان دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارىخى مىلادىدىن بۇرۇن 2500-يىللاردىكى ھىندۇس ۋادىسى مەدەنىي
- ھىيەل — ؛«ھىيلە»نىڭ كۆپلۈكى : ھىيلىلەر ، ئالداملار ، مىكرىلار ؛
- ھىيتە — ئىھاتە قىلىنغان ، ئەتراپى ئورالغان جاي ؛ دائىرە ، قورۇق ؛ ئېھتىيات قىلىش ؛ كۆڭۈل بۆلۈش؛ [ھىيتەئى ئەملاك --- مال - مۈلۈكل
- ھىيتەئى تەسەررۇف — ئىگىلىك قىلىش دائىرىسى ، تەسەررۇپ دائىرىسى؛