لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھىزەبر/ھۇزەبر — ئارسلان ، شىر ؛ كۆچمە مەناسى: جەسۇر ئادەم؛
- ھىس،ھىسس — سەزگۈ ، تۇيغۇ؛ [ئون ھىس --- ئون تۇيغۇ . بۇنىڭ بەشى تاشقى (كۆرۈش ، ئاڭلاش ، پۇراش، تېتىش ، سېزىش) ، بەشى ئىچكى (ئومۇمىي ھ
- ھىساب — ساناق ، سان ، ساناش؛ [ھىساب ئەسرەمەك --- ھېسابنى ساقلىماق، ھېسابقا ئالماق]؛ [ھىساب ئالماق --- تەكشۈرمەك ، ھېساب ئالماق ،
- ھىسار — قورغان ، قەلئە ، ئىستىھكام ؛ كۆچمە مەناسى: شەھەر؛ قورشاش؛ [ سەككىزىنچى ھىسار --- (كۆچمە مەناسى) ئاسمان]؛ [ياڭى ھىسار ---
- ھىسارى — ئورالغان ، قۇرۇلغان ، قورغانغا ئېلىنغان ؛ قورغاندا تۇرغۇچى؛ قورشاۋدا قالغان؛
- ھىستولوگىيە — Histology(ئىسىم)--جانلىق ئورگانىزملارنىڭ توقۇلمالىرى ۋە ھۈجەيرەلىرىنىڭ تۈزۈلمەسى، تەركىبى، ئىقتىدارى ۋە ئۆزگىرىش جەريانل
- ھىسسە — ئۆلۈش ، تېگىشلىك بۆلەك ، ھەسسە ؛ [ھىسسە مەند، ھىسسەياب --- ئۆلۈشلۈك، ھەسسىدار]؛
- ھىسسەمەك — ھېس قىلماق ، سەزمەك؛
- ھىسسى — سېزىۋېلىشقا بولىدىغان ، ھېس قىلغىلى بولىدىغان ، ھېسسىيات جەھەتتىكى؛
- ھىسن — قورغان ، سېپىل ، قەلئە ، ئىستىھكام؛
- ھىسنى خەيبەر — خەيبەر قەلئەسى (مەدىنىگە يېقىن ، قەدىمقى يەھۇدىيلار ياشىغان يېزا) ؛
- ھىسنى فەلەك — پەلەك قورغىنى ، ئاسمان؛
- ھىسنى ھەسىن — مۇستەھكەم قورغان ؛
- ھىفز — ساقلاش ، مۇھاپىزەت قىلىش ؛ ساقلىنىش ؛ ئەستە تۇتۇش؛ يادلاش؛ [ھىفز ئەتمەك --- ئەستە تۇتماق ، يادلىماق ، ساقلىماق ، ئاسرىما
- ھىقد — ئۆچ ، ئاداۋەت؛
- ھىكايە — ئوخشاتماق؛ ۋەقەنى ئوخشىتىپ سۆزلەش.
- ھىكايەت ، ھىكايە — ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەش ؛ ئۆتكەن ئىشلار ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر ؛ بايان قىلىش ، سۆزلەش؛
- ھىكەم — ؛«ھىكمە»نىڭ كۆپلۈكى: ئەقىللەر، ئىدراكلار؛ پەلسەپىۋى پىكىرلەر، چوڭقۇر مەنالىق سۆزلەر ، ماقال - تەمسىللەر ؛ سىرلار ؛
- ھىكەمىييات — پايدالىق سۆزلەر ، ھېكمەتلىك سۆزلەر؛
- ھىككە — ئادەم بەدىنىگە چىقىدىغان قىچىشقاق ، قوتۇر ؛ كۆرەلمەسلىك ، ئىچى قارىلىق؛
- ھىكمەت — ئەقىل ، ئىدراك ، پەلسەپە ، پەلسەپىۋى پىكىر ، چوڭقۇر مەنالىق سۆز ؛ ماقال - تەمسىل ؛سىر ، مەخپىيەتلىك ؛ تەدبىر ؛ سەۋەب؛ [ھ
- ھىكمەتپەرەست — دانىشمەن ، ھېكىم ، پەيلاسوپ؛ (ھىكمەتپەرەست = ھىكمەتپىشە،ھىكمەتجو، ھىكمەتساز،ھىكمەتقىسم ،ھىكمەتمەئاب)؛
- ھىكمەتسىرىشت — ھېكمەتلىك ، سىرلىق ، يوشۇرۇن ، مەنالىق؛
- ھىكمەتشۇناس — ھېكمەت بىلگۈچى ، دانىشمەن ، بىلىملىك ئادەم ؛