لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھۇدۇس — يۈز بېرىش ، پەيدا بولۇش ، مەيدانغا چىقىش؛
- ھۇدۇسىي — پەيدا بولىدىغان ؛ يۈز بەرگەن؛
- ھۇدىي — تۆگىچىلەر ناخشاسى ، كارۋان ناخشاسى؛ [ھۇدىي چەكمەك --- ناخشا ئېيتماق]؛
- ھۇرۇف — ؛«ھەرف»نىڭ كۆپلۈكى : ھەرپلەر ؛
- ھۇرۇفى ئىللەت — ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى «و ، ا ، ى» ھەرپلىرى ؛
- ھۇرۇن
- ھۇززار — ھازىر (حضر)نىڭ كۆپلۈكى: ھازىر بولغانلار، تەييار بولغانلار؛ كەلگەنلەر، قاتناشقانلار.
- ھۇزۇر — ؛«ھازىر»نىڭ كۆپلۈكى: نەق نەرسەلەر ، تەييار نەرسەلەر ، تەخ نەرسەلەر ؛ كۆچمە مەناسى: راھەتلىك؛
- ھۇزۇرلىنىش / لەززەت ئېلىش — Enjoy(پېئىل)--بىرەر نەرسەدىن خۇشاللىق، ھۇزۇر ياكى لەززەت ئېلىش، ھۇزۇرلىنىش دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. بۇ بىرەر پائالىيەت، ت
- ھۇزۇز — ؛«ھەزز» نىڭ كۆپلۈكى : تەلەپلەر ، ئامەتلەر ؛ لەززەتلەر ، راھەتلەر ، بەھرىلەر؛
- ھۇسام — قىلىچ ، شەمشەر ؛
- ھۇش — ھېس ، تۇيغۇ ، سەزگۈ ؛ ئەقىل ، ئىدراك؛ [بىھۇش --- سەزمەس]؛
- ھۇشەنگ — پاراسەت ، ئەقىل ، ئېنىقلىق ، روشەنلىك ؛ ئەجەم پادىشاھلىرىنىڭ تۇنجى سۇلالەسى بولغان پىشدادىيلاردىن بىر پادىشاھنىڭ نامى؛
- ھۇشبەر — مەست قىلغۇچى ، ھوشىدىن كەتكۈزگۈچى؛
- ھۇشكىردار — ھۇشى بار ، ئېسى جايىدا ، ھۇشلۇق ؛
- ھۇشمەند — ھوشيار ، ئەقىللىق ، ئەس - ھوشى جايىدا ؛
- ھۇشمەندانە — ھوشيارلىق بىلەن؛
- ھۇشيار — ئەقىللىق ، سەزگۈر سەگەك ، ئاگاھ؛
- ھۇشيارلىق/ئىدراك — Consciousness(ئىسم)--تېخىمۇ ئاساسلىق ۋە كەڭ چۈشەنچە،ئىدراكنىڭ(بىلىش،پەم قىلىش،ھېس قىلىش،چۈشىنىش،چۈشەنچە،ئاڭ) ئومۇمىي ھال
- ھۇففاز — ؛«ھافىز»نىڭ كۆپلۈكى : يادلىغۇچىلار ، ھاپىزلار ؛
- ھۇقەئى لەئل — ياقۇت قۇتا ؛ كۆچمە مەناسى: قىزىل لەۋ؛
- ھۇققە — قىممەت باھا تاشلار سېلىنىدىغان كىچىك قۇتا ؛ قەدەھ ، ئۇزۇن بويۇن رومكا ؛ [ھۇققەى لەئل --- ياقۇت قۇتىسى ؛ كۆچمە مەناسى: قى
- ھۇققەباز — نەيرەڭۋاز؛
- ھۇققەلىغ — قۇتىلىق؛