ھۇشيارلىق/ئىدراك

مەنىسى

Consciousness(ئىسم)--تېخىمۇ ئاساسلىق ۋە كەڭ چۈشەنچە،ئىدراكنىڭ(بىلىش،پەم قىلىش،ھېس قىلىش،چۈشىنىش،چۈشەنچە،ئاڭ) ئومۇمىي ھالەتى؛ئادەمنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنيا، ئۆز-ئۆزى ۋە ئويلىرى ھەققىدە ھۇشيار بولۇش، ئاڭلىق ئىدراك قىلىش ۋە سېزىش ھالەتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز پەلسەپە، پسىخولوگىيە، مېدىتسىنا ۋە نېرۋا ئىلمىدا كەڭ قوللىنىلىپ، چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ مەنانى ئىپادەلەيدۇ؛["ئىدراك دەرەجەسى" (level of consciousness)، "ئۆز-ئۆزىنى ئىدراك قىلىش" (self-consciousness)، "ئىجتىمائىي ئىدراك" (social consciousness)،"ئىدراكنى يوقاتىش" (loss of consciousness)]؛ سۈپەت شەكلى "Conscious" (ھۇشيار، ئىدراكلىق)، رەۋىش شەكلى "Consciously" (ئىدراكلىق ھالدا)، قارشى سۈپەت شەكلى "Unconscious" (ئىدراكسىز) بولىدۇ.

ئىنگلىزچە
Consciousness
تۈركچە
bilinç
خەنزۇچە
意识/知觉

لۇغەتنى كۆرۈش