لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھەۋادىسى ئەييام — زامان ئۆزگىرىشلىرى ، كۈندەلىك ھادىسىلەر؛
- ھەۋارىييون — ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئون ئىككى شاگىرتى؛
- ھەۋازە — مەنزەر ؛ كۆتۈرمە ؛ ئەتراپنى كۈزىتىش ئۈچۈن ئېگىزلىككە قۇرۇلغان لاپاس؛
- ھەۋاسس،ھەۋاس — ؛«ھاسسە»نىڭ كۆپلۈكى : ھېسلار ، تۇيغۇلار ، سەزگۈلەر؛
- ھەۋاش — ئەتراپ.
- ھەۋاشى — ؛«ھاشىيە»نىڭ كۆپلۈكى : ھاشىيلار ، چۆرىلەر ، چەتلەر ،ئەتراپلار ، خىزمەتكارلار؛
- ھەۋالەت،ھەۋالە — ھاۋالە ، تاپشۇرۇق ؛ تاپشۇرۇش ، بېرىش؛
- ھەۋالى — چۆرە ، ئەتراپ؛
- ھەۋان — خارلىق ، تۆۋەنلىك ؛
- ھەۋايى — بىقارار، بىھۇدە؛ كەيىپ-ساپالىق، شەھۋانىي؛
- ھەۋەس — كۈچلۈك مەيل ، ئارزۇ ، تەلپۈنۈش ، قىزىقىش ، مەھلىيالىق ،شەھۋانە نىيەت؛
- ھەۋەسكار — ياخشى كۆرگۈچى ، سۆيگۈچى ، ھەۋەس قىلغۇچى ، قىزىققۇچى؛
- ھەۋەسكىش — ھەۋەسكار ، ھەۋەسكە بېرىلگۈچى؛
- ھەۋەسناك — ھەۋەسلىك ؛ مايىل؛
- ھەۋدەج — كاجۇ (ئاياللارنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن تۆگە ئۈستىگە ئورنىتىلغان خانا)؛
- ھەۋر — قىزىشىش ، غەزەپلىنىش ، غەزەپ؛
- ھەۋرائ — ق . ھۆر؛
- ھەۋز — كۆلچەك؛
- ھەۋزە — كۆلچەك ؛ كۆچمە مەناسى: دائىرە ؛ ۋادا؛
- ھەۋسەلە — ؛(1) پوكان ، يەملىك ، دانلىق (ئۇچار قۇش ۋە توخۇ قاتارلىقلاردا)؛ (2) تاقەت ، چىدام؛ كەيپىيات ؛ ئىقتىدار دائىرىسى؛
- ھەۋل — قورقۇش ؛ قورقۇنچ ، دەھشەت؛
- ھەۋلناك — قورقۇنچلۇق ، دەھشەتلىك؛
- ھەۋلىلەمەك — ئۈلگۈرتۈپ جۆندىمەك؛
- ھەۋۋائ — ھاۋا ئانا؛