لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھەمىمە — قايناق سۇ ؛ قاينىتىلغان سۇ؛
- ھەمىن — شۇ ، مانا شۇ ، دەل شۇ؛
- ھەمىييەت — ئار - نومۇسنى ساقلاش ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش؛
- ھەميان — يانچۇق؛ خورجۇن؛ خالتا؛ سومكا؛ پورتمان؛
- ھەنا — ئىگەر جابدۇقلىرى؛
- ھەنەفىي — ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە مەزھىپىدىكى كىشى؛
- ھەنبەلىي — ئىمام ئەھمەد بىن ھەنبەل مەزھىپىدىكى كىشى؛
- ھەنجار — تەرتىپ ، قائىدە ، يۇسۇن ، رەۋىش ، يول ، رىتىم ، قاپىيە ، ئۆلچەم ؛
- ھەندەسىي — گېئومېتىرىيەلىك ، بىناكارلىق ئىلمىغا ئائىت ، گېئومېتىر ئىلمىغا تەئەللۇق؛
- ھەنزەل — ياۋا كاۋا، دورالىق تاۋۇز ؛
- ھەنگام — چاغ ، پەيت ؛ غەنىيمەت پۇرسەت ؛ يىغىن ، ئولتۇرۇش؛ [ھەنگام تۇتماق ---سۆھبەتلەشمەك]؛
- ھەنگامە — يىغىن ، توپلانىش ؛ پاراڭلىشىش ؛ ۋەقە ، ھادىسە؛ [ھەنگامە تۈزمەك، ھەنگامە تۇتماق --- سورۇن تۈزمەك ، يىغىلىشماق ، توپلانىشم
- ھەنگامە ئارا — سورۇننى قىزىتقۇچى؛
- ھەننات (ھاننوت)؛ — ئالىپ ساتار؛ جاللاپ؛ ھايانكەش؛
- ھەننان — ئىنتايىن رەھىملىك ، ئاق كۆڭۈل ئادەم؛
- ھەنۇز — تېخى ، تېخىچە ، ھازىرغىچە ، تا ھازىرغىچە؛
- ھەنۇز(ھونۇز) ؛ — ھازىرغىچە ؛ ھېلىغىچە؛
- ھەۋا — ئارزۇ ، مەيل ، ئىستەك ، ھەۋەس ؛ ئىشق ، مۇھەببەت؛ كۆچمە مەناسى: ئۇچۇش ،پەرۋاز؛ [ھەۋا ئەيلەمەك --- ئاسمانغا كۆتۈرۈلمەك ، ئ
- ھەۋائ — پۈتۈن يەرشارىنى قاپلاپ تۇرغان ھاۋا ، ئاتموسفېرا ؛ يەل ، شامال ،كىلىمات؛
- ھەۋائىج،ھەۋايىج — ؛«ھاجەت»نىڭ كۆپلۈكى : لازىمەتلىكلەر ، كېرەكلىك نەرسەلەر؛
- ھەۋاجىب — ؛«ھاجىب»نىڭ كۆپلۈكى : قاشلار ، قاش - كىرپىكلەر؛
- ھەۋادار — ئاشىق ، سۆيگۈچى ، ھەۋەسلىك ؛ مايىل ، تەرەپدار؛
- ھەۋادىس — ؛«ھادىسە»نىڭ كۆپلۈكى : ھادىسىلەر ، ۋەقەلەر ، ئۆزگىرىشلەر ، يېڭىلىقلار؛
- ھەۋادىسى ئەفلاك — زامان ئۆزگىرىشلىرى ، زامان ھادىسىلىرى؛