لۇغەتنى كۆرۈش: ى
- ئىچمان — ئىچمەيمەن؛
- ئىچى — ئاكا ، ئاغا؛
- ئىچىچ — قازان؛
- ئىچىك — ئاياللارنىڭ قىشلىق چاپىنى ، ئاياللارنىڭ جۇۋىسى ؛
- ئىچىكمەك — تەۋە بولماق ، قارىماق ، تەۋەسىگە ئۆتمەك؛
- ئىچىم — يۇتۇم ؛ [بىر ئىچىم سۇ --- بىر يۇتۇم سۇ]؛
- ئىخافە — قورقىتىش ، خەۋپلەندۈرۈش؛
- ئىخبار — خەۋەرلەندۈرۈش ، مەلۇم قىلىش ، بىلدۈرۈش؛ [ئىخبار ئەيلەمەك --- خەۋەر بەرمەك ،بىلدۈرمەك]؛
- ئىخبارنامە — خەۋەرلەندۈرۈش قەغىزى ، ئۇقتۇرۇش قەغىزى؛
- ئىختار — ئەسكە سېلىش ، يادىغا چۈشۈرۈش، ئاگاھلاندۇرۇش ؛
- ئىختىبار — تەكشۈرۈپ بىلىش ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ؛ تەجرىبە قىلىش؛
- ئىختىتام — تامام بولۇش ، ئاياغلىشىش ، تۈگەش ؛ [ئىختىتام ئولماق --- تامام بولماق]؛ [ئىختىتام ئەيلەمەك --- تاماملىماق]؛
- ئىختىدا — باش قويماق؛ چوقۇنماق؛ ئەگەشمەك؛
- ئىختىرا — ئىجادىيەت؛ كەشپىيات؛
- ئىختىرائ — يېڭىلىق يارىتىش ، يېڭىلىق ئىجاد قىلىش ، يېڭى بىر نەرسەنى ئويلاپ چىقىرىش ؛ ئىجادىيەت ، كەشپىيات؛ [ئىختىرائ قىلماق --- يېڭ
- ئىختىرائات — ؛«ئىختىرائ»نىڭ كۆپلۈكى : كەشپىياتلار ، ئىختىرالار؛
- ئىختىرائكەردە — كەشىپ قىلىنغان ، تۇنجى قېتىم ياسىلىپ چىققان؛
- ئىختىسار — قىسقارتىش ، ئىخچاملاش؛ [ئىختىسار ئەيلەمەك --- قىسقارتماق ، ئىخچاملىماق]؛
- ئىختىساران — ئىخچام ھالدا ، قىسقارتىلغان رەۋىشتە ؛
- ئىختىساس — بىرەر ئىلىم - پەن ياكى بىرەر ھۈنەر - سەنئەتكە خاسلىشىش، بىرگە مەنسۇپ بولۇش ،مۇتەخەسسىس بولۇش؛ [ئىختىساس تاپماق --- خاسلا
- ئىختىفائ — يوشۇرۇنۇش ، كۆزدىن پىنھان بولۇش ، بېكىنىش ، مەخپىيلىك، يوشۇرۇنلۇق؛
- ئىختىلات — ئارىلىشىش ، قوشۇلۇش ، ئارىلاشتۇرۇش ، قوچۇش ؛ باردى -كەلدى؛ [ئىختىلات قىلماق --- باردى - كەلدى قىلماق ، ئارىلاشماق]؛
- ئىختىلاف — قارىمۇقارشىلىق، زىتلىق، كېلىشەلمەسلىك؛ [ئىختىلافى جۇزۋ ئىلە كۇلل --- قىسمەنلىك بىلەن پۈتۈنلۈكنىڭ ئىختىلاپى]؛
- ئىختىلال — قالايمىقان بولۇش ، بۇزۇلۇش ، نورمالسىزلىنىش ؛ قوزغىلىش ،توپىلاڭ؛