لۇغەتنى كۆرۈش: ى
- ئىجرا — جارى قىلىش ، يۈرگۈزۈش ، ماڭدۇرۇش ؛
- ئىجلاس — ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇش ، ئولتۇرغۇزۇش ؛ مەجلىس ، يىغىلىش ،ئولتۇرۇش؛ [ئىجلاس قىلماق --- يىغىلىشماق]؛
- ئىجلال — ئۇلۇغلاش ، چوقۇنۇش ، ھۆرمەتلەش؛
- ئىجمال — يىغىنچاقلاش ، ئىخچاملاشتۇرۇش ؛ ئىخچام ، ئىپادە ، مېغىزلىق گەپ ،مۇندەرەجە؛
- ئىجمالان — ئىخچاملاشتۇرغاندا ، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، يىغىنچاقلىغاندا؛
- ئىچ — كۆڭۈل ، قەلب ، يۈرەك ، سىر ، يوشۇرۇنلۇق ؛ ئۆز ؛
- ئىچ ئالاتى — ئىچكى ئەزالار ، ئۈچەي - باغىر ؛
- ئىچ كىيىم — ئىچ كىيىم-- ئادەمنىڭ تەننىڭ ئۈستىگە ئەڭ يېقىن كېيىدىغان كىيىمىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كىيىم ئادەتتە سىرتقى كىيىمنىڭ ئاستىغا كېي
- ئىچەك(ئۈچەك)؛ — جانىۋارلارنىڭ قىشلىق ئۇيقىغا كىرىشى؛
- ئىچەگۈ — ئىچكى ؛ ئىچكى ئەزالار ، ئىچ - باغىر ، ئىچ - قېرىن؛
- ئىچرە — ئىچىگە ، ئاراسىغا؛ ئىچىدە ، ئاراسىدا؛ [ئەۋ ئىچرە --- ئۆيدە]؛
- ئىچرەدەكى — ئىچىدەكى ؛
- ئىچرەگى — ئىچىدەكى؛ [ئىچرەگى ھويلا --- ئىچكەركى ھويلا]؛
- ئىچكەرۇلە — ئىچكىرىلەپ ، ئىچىگە؛
- ئىچكەرۈ — ئىچكىرى؛
- ئىچكەك — جىن ؛
- ئىچكۈ — ئىچىملىك ، مەي ، شاراب ، ھاراق ، شاراب ئولتۇرۇشى؛
- ئىچكۈلەمەك — ئاستا ئىچمەك، ئاز - ئازدىن ئىچمەك ؛
- ئىچكۈلۈك — ئىچىملىك ؛ ئىچىشۋازلىق؛
- ئىچكى ئورگانلار — ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛
- ئىچكى قوزغاتقۇچ بەلۋېغى — كومپيۇتېرنىڭ قېپى (case) ئىچىدە، قاتتىق دىسكا (HDD) ياكى قاتتىق ھالەت دىسكاسى (SSD) قاتارلىق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورۇنل
- ئىچكىر — ئىچكىرى؛
- ئىچكىي — ھۆكۈمدارنىڭ يېقىن ئادىمى ، ساراي ئىچىدەكى بەگ. «ئىچكىي بەگ»مۇ دېيىلىدۇ؛
- ئىچلىك — توقۇم ؛