لۇغەتنى كۆرۈش: ى
- ئىتتىسام — ئاتىلىش ؛ بەلگەلىنىش، نىشانلىنىش؛ [ئىتتىسام تاپماق --- ئاتالماق]؛
- ئىتتىفاق — بىر پىكىرگە كېلىش ، بىردەكلىك ؛ ماس ، مۇناسىپ ؛ تەسادىپىيلىق ،تەسادىپ ، بىرلەشىش؛ [ئىتتىفاق قىلماق --- بىرلەشمەك ، بىر پ
- ئىتتىفاقاتى ھەسەنە — كۆڭۈلدىكىدەك بىرلىك ، ياخشى ئىتتىپاق ؛
- ئىتتىفاقان — تەسادىپەن ، تەسادىپىي رەۋىشتە ؛ [ئىتتىفاقان ھەسەنەن --- بەختكە يارىشا ، تەسادىپىي يۈز بەرگەن كۆڭۈلدىكىدەك ۋەقە]؛
- ئىتتىفاقىي — ئويلىمىغان يەردە توغرا كېلىپ قالماق ، تەسادىپىيلىق ، بىردەكلىك؛
- ئىتتىكائ — تايانچ ، يۆلەنچۈك؛
- ئىتتىكلىك ، ئىتىكلىك — ئۆتكۈرلۈك ، تېزلىك؛
- ئىتتىلائ — خەۋەردارلىق ، تونۇشلۇق ، چۈشەنچلىك؛ [ئىتتىلائ تاپماق --- چۈشەنمەك ، خەۋەردار بولماق ، بىلمەك]؛
- ئىتتىھاد — بىرلەشىش ، ئىتتىپاقلىشىش ، ئۇيۇشۇش؛ [ئىتتىھاد قىلماق --- بىرلەشمەك ، دوستلاشماق]؛
- ئىتتىھام — Accusation(ئىسىم)--بىر ئادەمنىڭ خاتا، جىنايەت ياكى ناتوغرا بىر ئىش قىلغان دەپ رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي ھالدا ئەيىپلەشنى
- ئىتتىھام — تۆھمەت قىلىنىش ، قارا سۈركىلىش ، بىگۇناھ ھالدا ئەيىبكار بولۇپ قېلىش؛
- ئىتتىھامنامە — تۆھمەتنامە ، بىراۋ ئۈستىدىن تۆھمەت قىلىپ يېزىلغان قارا ماتېرىيال؛
- ئىتدۈرمەك — ئىتتەرتمەك ، ئۆتكۈرلەشتۈرمەك ، ئىتتىك قىلماق؛
- ئىتقا — بازار مەيدانى ، سودا مەيدانى؛
- ئىتكۈرمەك — ئۆتكۈرلەشتۈرمەك ، ئىتتىكلەنمەك ، ئىتەرتمەك؛
- ئىتلاق — ئاتاش ، نام بېرىش ؛ قويۇپ بېرىش ، بوشىتىش ، تالاق قىلىش؛ [ئىتلاق قىلماق --- ئاتىماق ،نام بەرمەك ؛ قويۇۋەتمەك]؛
- ئىتلاماق — تەلەپ قىلماق ، سورىماق ، ئۆتۈنمەك؛
- ئىتلەمەك — (خۇشبۇي)پۇرىماق ، خۇشبۇي پۇراق كەلمەك؛
- ئىتمام — تاماملاش ، تۈگىتىش؛ [ئىتمام ئەيلەمەك --- تاماملىماق ،پۈتتەرمەك؛ تۈگەتمەك]؛
- ئىتمەك — ؛(1) پۈتمەك ، يوقالماق ، گۇم بولماق؛ يوشۇرۇنماق؛ (2) ئىتتىرمەك ، ئىلگىرى سۈرمەك، ئالغا سىلجىتماق؛
- ئىتمىينان — تولۇق ئىشەنچ ؛ ئەمىنلىك ، تىنچلىنىش ، راھەت ، ئارام؛
- ئىتناب — ئارتۇقچە سوزماق ، سۆرىمەك (گەپ ھەققىدە) ؛ [ئىتناب قىلماق --- سوزماق ، سۆرىمەك ،ئۇزارتماق]؛
- ئىتۈرمەك — يوقاتماق ، تۈگەتمەك ، گۇم قىلماق ؛
- ئىتېمىزاتسىيە — Itemization(ئىسىم)--بىر ئىشنى، نەرسىنى ياكى ھېسابنى ئايرىم-ئايرىم تۈرلەر، نۇسخىلار ياكى بەندلەرگە ئايرىپ، ھەر بىرىنى ئاي