لۇغەتنى كۆرۈش: ى
- ئىرسال — ئەۋەتىش ، يوللاش؛ يەتكۈزۈش؛ [ئىرسال ئەتمەك، ئىرسال ئەيلەمەك، ئىرسال قىلماق --- ئەۋەتمەك ؛ يەتكۈزمەك]؛
- ئىرسەن — ۋارىسلىق قىلىپ ؛ مىراس قىلىپ؛
- ئىرشاد — توغرا يول كۆرسىتىش ، توغرا يولغا باشلاش ؛ يېتەكلەش؛ [ئىرشاد ئەتمەك، ئىرشاد ئەيلەمەك، ئىرشاد قىلماق --- توغرا يولغا سالما
- ئىرشاد ئايىن — يولباشچىغا ئوخشاش ، يولباشچىدەك؛
- ئىرشادگەر — توغرا يول كۆرسەتكۈچى ؛ بىر؛
- ئىرشادمەند — يولغا چۈشكەن ، توغرا يولدا ماڭغۇچى؛
- ئىرغاتماق — ئېغاتماق ، سىلكىمەك؛
- ئىرغاق/ئىرغى — ئىلمەك ، قاماق؛
- ئىرغايتماق — ئىغاڭلاتماق ، سىلكىمەك ، چايقىماق ، ئېغاتماق؛ [باشنى ئىرغايتماق --- باش چايقىماق]؛
- ئىرفان — بىلىش ، تەپەككۇر بىلەن تونۇش ، مەرىپەت ، بىلىم؛
- ئىرفانپەناھ — بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ھامىيسى ، مەرىپەتپەرۋەرلەرنىڭ قوغدىغۇچىسى ، ئالىم، دانىشمەن، مۇتەپەككۇر؛
- ئىرق — نەسىل ، نەسەب ، ئۇرۇق ، مىللەت ؛ يىلتىز ، ئاساس ، تۈپ ؛ تومۇر؛
- ئىركە — ئۇرچۇق؛
- ئىركەچ — سەركە؛
- ئىركمەك — ئۈركىمەك ، چۆچىمەك ، تىترىمەك؛
- ئىرگەك — دەرەجە ، مەرتىۋە؛
- ئىرگۈرمەك — ئەگەشتۈرمەك؛
- ئىرگۈنجەك — ھەجەڭگە ؛
- ئىرلاماق — جىرلىماق ، ناخشا ئېيتماق؛
- ئىرونىيە — دارىتما؛
- ئىرېلاندىيە — ئىرېلاندىيە غەربىي ياۋروپادا، ئىرېلاندىيە ئارالىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن دەۋلەت. پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھەرى دۇبلىن (Dub
- ئىرىك — يىرىك ، يوغان ، كاتتا ؛ قوپال ، بۈدۈر - چوقۇر ؛ مەھكەم ، چىڭ ، قاتتىق؛ قىيىن ،مۇشەققەتلىك؛
- ئىرىكرەك — ناھايىتى يىرىك ، بەك قوپال ، قوپالراق؛
- ئىرىكلىك — قوپاللىق ، يىرىكلىك؛