لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەئادىن — ؛«مەئدەن»نىڭ كۆپلۈكى : مەدەنلەر ، كان مەھسۇلاتلىرى ،قېزىلما بايلىقلار؛
- مەئارىف — ؛«مەئرىفەت»نىڭ كۆپلۈكى: مەرىپەتلەر ، بىلىمىلەر؛ تەلىم - تەربىيە ، مائارىپ ، پەننىي بىلىم؛
- مەئازەللاھ — خۇدا ساقلىسۇن؛
- مەئاسى — ؛«مەئسىييەت»نىڭ كۆپلۈكى : گۇناھلار ، ئېغىر خاتالىقلار ، چوڭ سەۋەنلىكلەر ، ئاسىيلىقلار، ئىسيانلار؛
- مەئاسىر — ؛«مەئسەرە»نىڭ كۆپلۈكى : ياخشى ئەنئەنەلەر ، ياخشى ئاسار-ئەتىقىلەر؛ ياخشى خىسلەتلەر؛ ياخشى ئىش - ھەرىكەت ، ئىش - ئىزلار؛
- مەئاش — تىرىكچىلىك ، ياشاش ، تىرىكچىلىككە كېرەكلىك نەرسەلەر ، مائاش ، مۇئامىلە ، مۇناسىۋەت؛ [مەئاش ئەسبابى --- تىرىكچىلىك ۋاسىتى
- مەئال — نەتىجە ، ئاقىۋەت ، خۇلاسە؛ مەنا ، چۈشەنچە ، مەزمۇن ، بىر سۆز ئاڭلىتىدىغان ئۇقۇم؛
- مەئالى — ؛«مەئلات»نىڭ كۆپلۈكى : ئالىيلىقلار ، ئالىيجانابلىقلار ، بۈيۈكلۈكلەر ، شەرەپ ۋە ھۆرمەتلەر؛
- مەئانى — ؛«مەئنا»نىڭ كۆپلۈكى : مەنىلەر ، مەزمۇنلار ، ماھىيەتلەر ، مۇھىم نۇقتىلار؛ [خەزائىنۇلمەئانى --- مەنىلەر خەزىنىلىرى]؛
- مەئاۋ — ؛«مەئۋا»نىڭ كۆپلۈكى : ماكانلار ، پاناھلىنىدىغان جايلار ؛ ئۇۋىلار ،چاڭگىلار؛
- مەئايىب — ؛«ئەيب»نىڭ كۆپلۈكى : ئەيىبلەر ، گۇناھلار ، خاتالىق ۋە كەمچىلىكلەر؛
- مەئە — بىلەن ، بىرلىكتە؛
- مەئەرد — ياخشىلىق.
- مەئەلقەسد — قەست بىلەن ، مەلۇم نىيەت بىلەن؛
- مەئەلقىسسە — شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، قىسقىسى ، خۇلاسە شۇكى؛
- مەئبەد — ئىبادەتخانا ، ئىبادەت قىلىنىدىغان جاي؛
- مەئبەر — بېسىپ ئۆتۈلىدىغان يەر ، ئۆتۈپ كېتىلىدىغان جاي ؛ كېچىك ، ئېغىز؛
- مەئبۇد — ئىبادەت قىلىنغۇچى ، ئىلاھ ، ئاللاھ ، خۇدا ، چوقۇنۇش ئوبيېكتى ،مەبۇد؛
- مەئبۇدىييەت — ئىلاھىيلىق ، خۇدالىق ، ئۇلۇھىييەت ؛ چوقۇنۇش ، ئىلاھلاشتۇرۇش؛ [مەئبۇدىييەت دەۋاسى --- خۇدالىق دەۋاسى]؛
- مەئتەل — ق . مۇئتەل؛
- مەئتۇف — ئېگىلگەن ، مايىل قىلىنغان ؛ قارىتىلغان ، ئائىت بولغان ، قاراشلىق بولغان؛ باغلىغۇچى ئارقالىق باشقا بىر سۆزگە باغلانغان (گ
- مەئجۇن — مەجۇن (بىرقانچە خىل دورا - دەرمەكنى قوشۇش ئارقالىق ياسالغان كەيپ قىلغۇچى مەلھەم دورا) ؛ ئەبجەش ، ئارىلاشما؛
- مەئجۇنناك — مەجۈنلۈك ، كەيپ بولغان ؛ مەجۇنخور؛
- مەئجۇنناكلىك — مەجۇن كەيپى؛