لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەئجۇنىيلىق — مەجۈنخورلۇق؛
- مەئخەز — بىر نەرسەنىڭ كېلىپ چىققان يېرى ، مەنبە ، يىلتىز ؛
- مەئخۇز — ئېلىنغان ، قويۇل قىلىنغان ، قوللىنىلغان؛
- مەئدەلەت — ئادالەت ، ھەققانىيلىق ، ھەققانىيەت؛
- مەئدەن — مەدەن ، قېزىلما مېتال ؛ رودا ، كان ؛ كۆچمە مەناسى: ھەر نەرسەنىڭ ئەسلىي جايى؛
- مەئدەنىي — مەدەنگە خاس ، رودا خاراكتېرلىك؛
- مەئدۇد — سانالغان ، ساناقلىق ؛ سانى بار؛ [نامەئدۇد --- ساناقسىز ،بىھېساب ، ھېسابى يوق]؛
- مەئدۇم — يوق ، مەۋجۇت ئەمەس ، يوقالغان ؛ يوقىتىلغان؛ [مەئدۇم ئولماق---- يوقالماق]؛
- مەئدۇملۇق — مەۋجۇت ئەمەسلىك ، يوقلۇق؛
- مەئرەز — كۆرگەزمىخانا ، بىر نەرسەلەرنى كۆرسىتىدىغان جاي ؛ ئەرز ئورنى ؛ھالەت ؛
- مەئرەكە — جەڭ مەيدانى ؛ ئادەملەر توپلىنىدىغان جاي ؛ يىغىن ، مەيدان؛ [مەئرەكە تۇتماق ---كۈرەشمەك ، جەڭ قىلماق ؛ يىغىلىش قىلماق]؛
- مەئرەكەگىر — جەڭچى ؛ يىغىندا سۆزلەگۈچى؛
- مەئروز — ئوتتۇرىغا قويۇلغان ، بايان قىلىنغان ، ئەرز قىلىنغان ؛ كۆرگەزمىگە قويۇلغان ، كۆرسىتىلگەن؛ [مەئروز ئەيلەمەك --- ئەرز قىلما
- مەئرىز — ق . مەئرەز؛
- مەئرىفەت — مەرىپەت ، بىلىم ، بىلىش ، تونۇش ، چۈشەنچە؛ [ئەھلى مەئرىفەت --- بىلىملىك كىشىلەر، مەرىپەت ئەھلى]؛ [مەئرىفەت مەركەبى --- م
- مەئزۇر — ئەپۇ قىلىنغان ، كەچۈرۈلگەن ، كەچۈرۈم قىلىنغان ، ئۆزرىلىك ؛ [مەئزۇر بولماق --- ئۆزرىلىك بولماق ، ئۆزرەم بار دېمەك]؛ [مەئز
- مەئزۇل — بوشىتىلغان ، بوشانغان ، ئىشتىن ئازاد قىلىنغان ؛ يوقۇلۇش ،كېتىش؛ [مەئزۇل ئەتمەك --- بوشاتماق ؛ ئازاد قىلماق ، قويۇۋەتمەك]
- مەئزۇللۇق — بوشىغانلىق، ئاجرىغانلىق، كەتكەنلىك؛
- مەئزىرەت — ئۆزرە ، كەچۈرۈم ، ئۆزرە ئېيتىش ، كەچۈرۈم سوراش؛ [مەئزىرەت ئاشكارا قىلماق --- ئۆزرە ئېيتماق ، كەچۈرۈم سورىماق]؛
- مەئسۇم — گۇناھسىز ، پاك ، تازا؛
- مەئسۇمىييەت — گۇناھسىزلىق ، پاكلىق ، بىگۇناھلىق؛
- مەئسىيەت — گۇناھ ، خاتالىق؛ ئىسيان ، بويسۇنماسلىق ، خىلاپلىق؛
- مەئسىييەت — ئىسيان ، توپىلاڭ ، ئاسىيلىق ؛ گۇناھ ، خاتالىق؛
- مەئشەر — بىر تۈركۈم ، بىر ئۇچۇم ، بىر توپ ؛ جامائەت ؛ يىغىن ، يىغىلىش؛