لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەغمۇم — غەمكىن ، قايغۇلۇق؛ [مەغمۇم بولماق --- قايغۇرماق ،غەمكىن بولماق ، غەمدە قالماق]؛
- مەغمۇمىييەت — غەمكىنلىك ، قايغۇرۇش؛
- مەفئۇل — قىلىنغان ، ئىشلەنگەن ؛ تولدۇرغۇچى ، كېلىش (گرامماتىكا ) ؛
- مەفاسىل — ؛«مەفسىل»نىڭ كۆپلۈكى : بوغۇملار ، ئۈگىلەر؛ [مەفاسىل زەخمەتى --- رېماتىزم]؛
- مەفەر — پاناھ جاي، قېچىپ قۇتۇلۇش ئورنى ؛ قېچىش ، تىكىۋېتىش؛
- مەفتۇل — مېتال يىپ ؛ كالۋۇتۇن ؛ ئېشىلگەن؛
- مەفتۇللۇق — كالۋۇتۇنلۇق؛
- مەفتۇن — بېرىلگەن ، شەيدا بولغان ، ئاشىق ، سەۋدايى ؛ [مەفتۇن بولماق --- بېرىلمەك ، ئاشىق بولماق]؛
- مەفتۇھ — ئېچىلغان ، بويسۇندۇرۇلغان ، ئىستىلا قىلىنغان ؛ چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىدا زىۋەر بەلگەسى قويۇلغان ھەرپ؛ [مەفتۇھ ئەيلەمەك --- بو
- مەفخەر ، مەفخەرەت — شان - شەرەپ ، شۆھرەت ، پەخىرلىنىش ، ئىپتىخار؛
- مەفخەرس سەۋاھىب — سۆھبەتداشلار پەخرى ؛
- مەفرەش — يەرگە سېلىنىدىغان گىلەم ، كىگىز ، شىرداق ، پالاس قاتارلىق نەرسەلەر ، سېلىنچا؛ [مەفرەش ئەيلەمەك --- سېلىنچا سالماق ، سېلى
- مەفسەقە — شەھۋانىيلىق ئۆيى ، بۇزۇقچىلىق ۋە ئەسكى ئىشلار قىلىنىدىغان جاي ، پاھىشخانا؛
- مەفسەل — بوغۇم ، ئۈگە ؛
- مەفلۇج — پالەچ بولغان ، پالەچ؛
- مەفلۇك — پالاكەتكە يولۇققان ، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، نەس باسقان ، شور پېشانە ، بەختسىز؛
- مەفھۇم — چۈشىنىلگەن مەزمۇن ، ئوقۇۋېلىنغان مەنا ؛ چۈشىنىشلىك ، روشەن؛
- مەفھۇمات — ؛«مەفھۇم»نىڭ كۆپلۈكى : چۈشەنچەلەر ، چۈشىنىلگەن مەنىلەر ، بىلىۋېلىنغان مەزمۇنلار ، ئۇقۇملار؛
- مەقئەت — ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛
- مەقابىر — ؛«مەقبەرە»نىڭ كۆپلۈكى : قەبرەلەر؛
- مەقادىر — ؛(1) «مۇقەددەر»نىڭ كۆپلۈكى : پېشانىگە پۈتۈلگەن تەقدىرلەر ؛ (2) «مەقدۇر»نىڭ كۆپلۈكى : ئىمكانىيەتلىكلەر ، ئىقتىدار يېتىدىغ
- مەقارىز — ؛«مىقراز»نىڭ كۆپلۈكى : قايچىلار؛
- مەقاسىد — ؛«مەقسەد»نىڭ كۆپلۈكى: مەقسەتلەر، نىيەتلەر، مۇددىئالار؛
- مەقال — سۆز ، نۇتۇق ، گەپ؛ [گۇنگى مەقال --- گاچا ، كېكەچ ، گەپ قىلالمايدىغان]؛ [گۇنگى ئەيلەمەك --- سۆزلەمەك]؛ [شىكەستە مەقال ---