لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەشھۇن — تولدۇرۇلغان ، لىق ، تولۇق؛
- مەشۇت — يىپەك؛ يىپەكتىن ئىشلەنگەن رەڭلىك يىپ؛
- مەشۇق — ئىشىق بىلەن سۆيگۈچى قىز؛
- مەشۇقە — ئىشىق بىلەن سۆيۈلگەن قىز (ئوغۇلغا نىسبەتەن)؛
- مەشۋەرەت — كېڭەش ، مەسلىھەت ؛
- مەشىقلىنىش سېئانسى — Workout(ئىسىم)-- ئىسىم شەكلىدە "work" ۋە "out" نىڭ بىرىكمەسى بولۇپ (بىر سۆز)، جىسمانىي مەشىقلىنىش، تەربىيە، مەشىق سېئانس
- مەشىييەت — تىلەك ، ئارزۇ ، ئىستەك ، خاھىش ، ئىرادە ؛
- مەشي — مېڭىش ، يۈرۈش؛ [مەشي قىلماق --- مەشكە دەسسىمەك؛ ماڭماق]؛
- مەغارات — ؛«مەغارە»نىڭ كۆپلۈكى : غارلار ، ئۆڭكۈرلەر؛
- مەغارە — غار ، ئۆڭكۈر ، گەمە ؛ ئۇۋا؛
- مەغاك ، مەغاق — ئويمان ، چوڭقۇرلۇق ، ئازگال ، ئورا؛
- مەغاۋىر — ؛«مەغارە»نىڭ كۆپلۈكى : غارلار ، ئۆڭكۈرلەر؛
- مەغبۇن — ئالدانغان؛ سودادا زىيان تارتقان؛
- مەغبۇنىييەت — ئالدىنىش ، ئالدام خالتىغا چۈشۈش؛
- مەغپىرەت — گۇناھىدىن ئۆتمەك؛ كەچۈرمەك، ئەپۇقىلماق؛كەچۈرۈم؛
- مەغرىب — غەرپ ، كۈن پاتار ، كۈن پېتىش تەرەپ ؛ كۈن ئولتۇرغان ۋاقىت؛
- مەغرىبىي — غەرپىي ، غەرپلىك؛ [مەغرىبىي ئىنتىساب --- غەرپكە تېگىشلىك بولغان]؛
- مەغرىبىي زەمىن — غەرپ ئەللىرى ، غەرپ مەملىكەتلىرى؛
- مەغز — مېڭە؛ مېڭە قېتىقى؛ ئەقىل؛ يىلىك؛ مېغىز؛ [مەغز پوست --- ئەت ۋە تېرە؛ كۆچمە مەناسى: قان بىلەن گۆشتەك زىچ بىرىكىپ كەتكەن ،
- مەغزا — جەڭ ، ئۇرۇش؛ جەڭگاھ ، ئۇرۇش مەيدانى؛
- مەغزۇب — غەزەپ ئاستىدا قالغان ، غەزەپكە ئۇچرىغان؛ [مەغزۇب قىلماق --- غەزەپ قىلماق ، غەزەپ ئاستىغا ئالماق]؛
- مەغفۇر — كەچۈرۈلگەن ، ئەپۇ قىلىنغان ، گۇناھىدىن ئۆتۈلگەن ، مەغپىرەت قىلىنغان ؛ ئالەمدىن ئۆتكەن ، ۋاپات بولغان ، مەرھۇم ؛
- مەغفىرەت — كەچۈرۈش ، گۇناھىدىن ئۆتۈش ، كەچۈرۈم؛
- مەغلۇل — ئىشكەل سېلىنغان ، كىشەنلەنگەن ؛ بوينىغا زەنجىر سېلىنغان؛ سولانغان؛ بەند قىلىنغان؛