لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەردى مەردان — پالۋان ، باتۇر؛
- مەررات — ؛«مەررە»نىڭ كۆپلۈكى : قېتىملار؛
- مەررە — قېتىم ، نۆۋەت؛
- مەرز — يەر ، تېرىلغۇ ، ئاۋات يەر ؛ چېگرادىكى يەرلەر ؛
- مەرزبان — پادىشاھ ، ھۆكۈمدار ، ھاكىم ؛ چېگرا ساقچىسى؛
- مەرزبۇم، مەرزۇبۇم — مەملىكەت ، تېررىتورىيە ، دەۋلەت زېمىنى؛
- مەرزۇق — رىسىقلانغان ، رىسقى بېرىلگەن ، بىراۋنىڭ بېقىشىدىكى؛
- مەرسۇم — سىزىلغان ، رەسىم قىلىنغان ، ئادەت بولغان ؛ ئۆرپ - ئادەت؛
- مەرسىيە — ئۆلگەن كىشىگە بېغىشلانغان ، ئۇنىڭ ياخشى سۈپەتلىرى كۆرسىتىلگەن ۋە ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرۈلگەن شېئىرىي ئەسەر؛
- مەرغ — ئوت - چۆپ ، ھايۋانلار يەيدىغان ئۆسۈملۈك؛
- مەرغزار — ئوتلاق ، ھايۋانلار ئوتلايدىغان جاي؛
- مەرغۇب — سۈپەتلىك ، ئەلا ، يېقىملىق ، سۆيۈملۈك ، كۆڭۈلگە يارايدىغان؛ [مەرغۇب ئەتمەك ---يېقىملىق قىلىپ كۆرسەتمەك ، يارايدىغان قىلم
- مەرغۇپ — ياخشى؛
- مەرغۇل ، مەرغۇلە — يۆگىمەچ - يۆگىمەچ ؛ بۈدۈر چاچ ؛ مۇزىكادىكى تىترىمە تېمپا؛
- مەرفۇئ — يۇقارى كۆتۈرۈلگەن ، يۈكسەلدۈرۈلگەن ، كەتكۈزۈلگەن ، يوق قىلىنغان ، بىكار قىلىنغان؛ ئاخىرى زەممەلەشتۈرۈلگەن سۆز؛
- مەرقەد — گۆر ، قەبرە ، مازار ؛ قەبرىگاھ ؛
- مەرقۇم — يېزىلغان ، پۈتۈلگەن ، بەلگە قىلىنغان ؛ خاتىرىلىگەن؛ [مەرقۇم قىلماق --- يازماق ، يېزىپ قويماق]؛ [مەرقۇم بولماق --- يېزىلم
- مەركەب — مىنىلىدىغان ھايۋان ، ئات - ئۇلاغ ؛
- مەركەپ — ئات؛ ئارغىماق؛ ئۇلاق؛
- مەركەز — مەركەز ، ئوتتۇرا ، قاپ ئوتتۇرا ، بىر يەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسى؛ [مەركەز نۇقتەسى --- چەمبەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسى ، ئوتتۇرا نۇقتىسى
- مەركەزى خاك — ؛(كونا چۈشەنچە بويىچە) ئالەمنىڭ ئوتتۇرىسى؛ دۇنيا؛
- مەركىزىي ئىستىخبارات ئورگىنى
(CIA) — Central Intelligence Agency (قىسقارتما: CIA)(ئىسىم ئىبارەسى)--ئامېرىكا بىرلەشمە دەۋلەتلىرى ئاساسىي ئۇلۇسلارئارا ئىستىخبا
- مەرگ — ئۆلۈم ، ئۆلۈپ كېتىش ، ئەجەل؛ [مەرگ تەخۋىفى --- ئۆلۈم خەۋپى، ئۆلۈم قورقۇسى]؛
- مەرگەن — Sniper(ئىسىم)--يوشۇرۇن جايدىن يىراق ئارىلىقتا نىشانچىلىق بىلەن ئاتىدىغان ماھىر ئەسكەر ياكى ئاتقۇچىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەربى