لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەرايا — ؛«مىرئات»نىڭ كۆپلۈكى : ئەينەكلەر؛
- مەرەز — كېسەللىك ، كېسەل ، ئاغرىق؛
- مەرەزلىق — ئاغرىقلىق ، بىتاپلىق؛
- مەرەس — ئىت ياكى ئات بوينىغا باغلىنىدىغان ئارغامچا ، ئارقان؛
- مەرەق — شورپا؛ [مەراقى جوشان --- قايناپ تۇرغان شورپا]؛
- مەرەممەت — تۈزىتىش ، رېمونت قىلىش ، ئىسلاھ قىلىش ؛ تىكلەش؛ [مەرەممەت قىلدۇرماق --- رېمونت قىلدۇرماق ، تۈزەتتۈرمەك]؛
- مەربۇت — باغلانغان ، باغلاقلىق ، مۇناسىۋەتلىك ، باغلىق ، باغلىنىشى بار؛
- مەرتەبە — دەرەجە ، ئۇنۋان ، مەرتىۋە ، سالاھىيەت ؛ قەۋەت ، قاتلام ، قېتىم ،نۆۋەت؛
- مەرتۇب — ھۆل ، نەم؛
- مەرجەئ — مەنبە ، ئەسلىي جاي ؛ بارىدىغان جاي ؛ مەنزىل ، نىشان ؛ باشقۇرغۇچى ،ئىجرا قىلغۇچى؛
- مەرد — ئادەم ، ئىنسان ، ئەر كىشى ، مەرت ، جەسۇر ، باتۇر ؛ ھىممەتلىك؛
- مەردەك — پەسكەش ئادەم ، شاللاق ئادەم ، يارىماس ، چاكىنا ؛ كالۋا ، دۆت ؛
- مەردۇد — رەددىيە بېرىلگەن ، رەت قىلىنغان ، ئىنكار قىلىنغان ، ھەيدەلگەن ،قوغلانغان؛
- مەردۇم — خەلق ، ئادەملەر ، كىشىلەر؛ قارىچۇق؛ [كۆزمەردۇم --- كۆز قارىچۇقى]؛
- مەردۇمەكۋار — كۆز قارىچۇقىدەك (قارا ) ؛
- مەردۇمدار — كىشىلەرگە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ، كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان؛
- مەردۇمدارلىق — كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش ، كىشىلەرگە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش؛
- مەردۇمشىكار — ئادەم ئوۋلايدىغان؛
- مەردۇمكەش — ئادەم ئۆلتۈرگۈچى؛
- مەردۇمگىيا — ئادەم شەكىللىك گىياھ ؛
- مەردۇملىغ — ئادەملىك ، كىشىلىك ، ئىنسانلىق ، سېخىيلىق ، ھىممەت ؛ ھىممەتلىك ، ئادەمگەرچىلىك؛ كۆز ئالدىدا تۇرۇش ، كۆز ئالدىدىن كەتمەسل
- مەردۇمى ئابى — سۇ ئادىمى (ئەپسانە) ؛
- مەردۇمى چەشم — كۆز قارىچۇقى؛
- مەردۈمەك — كۆز قارىچۇقى؛