لۇغەتنى كۆرۈش: ل
- لالەگۇن — لالىگە ئوخشايدىغان ، لالەرەڭ ، قىزىل؛ لالىرەڭلىك (قىزىل رەڭلىك)؛
- لالەۋار — لالىدەك ، لالىرەڭ؛
- لاللىق — گاچىلىق ، تىلسىزلىق ، گەپ قىلالماي قېلىش ، ھەيرانلىق؛
- لالىزار — گۈلزار؛ لەيلىگۈللۈك باغچا؛
- لام — ؛«ئا» ئۇزۇن سوزۇق ئوقۇلىدۇ : ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى «ل» ھەرپىنىڭ نامى (مەشۇقەنىڭ چىكە چېچى كۆپىنچە شۇ ھەرپكە ئوخشىتىلىدۇ)؛
- لام ئەلىف — ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى «ل» بىلەن «ا» ھەرپىنىڭ بىرىكمەسى - لا ؛ كۆچمە مەناسى: قايچا ؛قول قوۋۇشتۇرۇش ؛ ئىككى پۇتىنى ئالماپ ئۆ
- لاما — زاڭزۇلار ۋە موڭغۇللارنىك بۇددا دىنى راھىبى؛
- لاماكان — (لا - يوق مەناسىدە) يوق ماكان؛ ماكانسىز؛ئۆي-جايى يوق؛
- لامەكان — ؛(1) ماكانسىز ، مۇقىم تۇرار جايى يوق ؛ تۇرمايدىغان يېرى يوق(ئاللاھنىڭ بىر سۈپەتى)؛ (2)بوشلۇق؛ [مۈلكى لامەكەن --- بوشلۇق
- لامىئ — يالتىراق ، پارقىراق ، پارلاق نۇر چېچىپ تۇرىدىغان ، پارلاپ تۇرىدىغان؛
- لامىسە — تېگىش سېزىمى؛
- لاندشافت — Landscape(ئىسىم/پېئىل)--كۆزگە كۆرۈنىدىغان كەڭ يەر يۈزى مەنزىرەسىنى، شۇنىڭدەك سەنئەت، تىجارەت ياكى سىياسەت قاتارلىق ساھەل
- لانىھايەت — تۈگىمەس ، پايانسىز ، چەكسىز ، ئاخىرى يوق؛ [بەقائى لانىھايەت --- چەكسىز باقىيلىق ،ئەبەدىيلىك]؛
- لاھەۋل — قورققان چاغدا ئوقۇلىدىغان بىر دۇئانىڭ بېشى؛ [لاھەۋلە ۋە لاقۇۋۋەلاھەۋل --- كۈچمۇ ئىقتىدارمۇ يوق]؛
- لاھىق — ئارقىدىن يېتىشىپ كەلگەن ، كېيىن قوشۇلغان ، قوشۇمچە ، ئورۇنباسار ، ئىزباسار؛
- لاھىقە — قوشۇمچە نەرسە ، زاپاس نەرسە ، تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان نەرسە؛ تەۋەلىك ، قوشۇمچە ؛ ئەگەشكۈچى ، ئەگىشىش؛
- لاۋا — يانار تاغ (ۋولقان)دىن ئېتىلىپ چىققان ماگما ھالەتىدىكى سۇيۇق ماددالار؛ تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئوتسمان ئېرىتمەسى؛
- لاۋازىمات — خوجۇلۇق ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى؛
- لايە — يىپەك توقۇلما؛
- لايەئقىل — دۆت ، كالۋا ، ئەقىلسىز ، مېڭەسى ئىشلىمەيدىغان؛
- لايەتەجەززا — پارچىلانماس ، بۆلۈنمەس؛ [جۇزئۇن لايەتەجەززا --- ئايرىلماس بىر قىسىم ، بۆلۈنمەس پارچە ، ئاجرالماس بۆلەك]؛
- لايەزال — ئەبەدىي ، مەڭگۈ ، ئۈزۈلمەس ، زادىلا يوقالمايدىغان ، زاۋال تاپمايدىغان ؛ داۋاملىق ،ھەمىشە ؛
- لايەمۇت — ئۆلمەس ، ئۆچمەس ، يوقالماس؛ يەتكۈدەكلا (مەسىلەن: تاماق)؛
- لايەنفەك — ئاجرالمايدىغان ، بىر - بىرسىگە كىرىشىپ كەتكەن ، بۆلۈنمەس ،ئايرىلماس؛