لۇغەتنى كۆرۈش: ل
- لاخشېگىر — لاخشېگىر-- ئوت ياكى كۆمۈرنى تۇتۇش، يۆتكەش ياكى تەشكىللەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مېتال قورال بولۇپ، ئادەتتە ئىككى تال قول ب
- لادە — ئەخمەق ، ئەقىلسىز ، نادان ، دۆت؛
- لازىمە — ئىجراسى زۆرۈر بولغان نەرسە ؛ لازىم نەرسە ، كېرەكلىك ؛ خۇلاسە ،نەتىجە ، ئېرىشىش كېرەك بولغان نەتىجە .
- لازىمۇ مەلزۇم — ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك ، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ، بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغان؛
- لاس — خام يىپەك مېزى (سىياھنى قويۇق ساقلاش ئۈچۈن دۈۋەتكە سېلىنىدۇ) ؛
- لاش، لاشە — جەسەت ، ئۆلۈك ، تاپ؛
- لاشەيئە/لاشەيئ — ھېچ نەرسە يوق ، ھېچ گەپ يوق ، مەسىلە يوق؛
- لاغ — ؛(1) ھەزىل ، مازاق ، ئويۇن ، چاقچاق . نەيرەڭ ، ئالدام؛ [لابەۋۇلاغ --- ھەزىل - مازاق ،بىھۇدە چاقچاق ؛ ھىيلە - نەيرەڭ؛ (2)
- لاغ - لاغ — لاپ - لاپ (گۇلخاننىڭ لاۋۇلداپ يالقۇنجاپ يېنىش ھالەتى)؛ [لاغ - لاغ ئەيلەمەك ---لاۋۇلدىماق ، يالقۇنجىماق]؛
- لاغەير — باشقىسى يوق؛
- لاغلاماق — ئورۇنلاشماق ، ئورۇن ئالماق؛
- لافىز — تەلەپپۇز قىلغۇچى ، سۆزلەگۈچى ، گەپ قىلغۇچى؛
- لاكەلام — تىلغا ئېلىنمايدىغان ؛ گەپ كەتمەيدىغان ، شامال كىرمەيدىغان ،مۇنازىر، تەلەپ قىلمايدىغان ،شەك - شۈبھىسىز؛
- لاڭقا — يولغا قويۇلغان توساق؛
- لال — گاچا ، گەپ قىلالمايدىغان ؛ تىلى تۇتۇلۇپ قېلىش ، گەپ قىلالماي قېلىش ،ئاغزى تۇۋاقلىنىپ قېلىش؛ [لال بولماق ، لال ئولماق ---
- لالە — لالەگۈل ، كۈركۈم گۈلى ، قىزىل گۈل؛
- لالەئى ئەشك — قانلىق كۆز يېشى ، ئاچچىق يىغا؛
- لالەئى نۇئمان — قىزىل لالە؛
- لالەبار — لالە ياغدۇرغۇچى ؛ قىزارتقۇچى؛
- لالەروي — لالە يۈزلۈك ، قىزىل يۈزلۈك ، نۇرانە يۈزلۈك؛
- لالەزار — لالە گۈللەر ئېچىلغان جاي ؛ گۈلزار؛
- لالەستان — لالىزار؛
- لالەفام — لالەرەڭ ، قىزىل؛
- لالەكار — لالە تېرىغۇچى؛ كۆچمە مەناسى: قان ياش تۆككۈچى؛