لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كاشىي — سىرلىق كاھىش ، ھەر خىل رەڭدە بوياق بېرىپ پىشۇرۇلغان خىش؛
- كاشىيكار — رەڭلىك خىش پىشۇرغۇچى ئۇستا ، رەڭلىك خىش بىلەن نەقىش قۇيغۇچى ئۇستا؛
- كاغەز — قەغەز ، ۋاراق ، خەت ، خەت - چەك؛
- كاف — ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى «ك» ھەرپىنىڭ نامى . ( «ئا» تاۋۇشى ئۇزۇن سوزۇق)؛
- كاففە — ھەممە ، پۈتۈن ، بارلىق؛ [كاففەئى ناس --- بارچە كىشىلەر ،ھەممە كىشىلەر]؛
- كاففەئى ئەنام/كاففەئى خەلايىق — بارلىق كىشىلەر ، ھەممە ئادەم؛
- كافۇر — ئىنتايىن ئاق ھەمدە خۇشبۇي ماددا ، كاپۇر ؛ كۆچمە مەناسى: ئاپپاق رەڭ؛
- كافۇر كىردار — كاپۇردەك ئاپپاق؛
- كافۇربىز — يورۇتقۇچى ؛ خۇشپۇراق چاچقۇچى؛ كۆچمە مەناسى: ئاپپاق قار ياغدۇرغۇچى؛
- كافۇرگۇن — ئاق رەڭلىك؛ [بادەئى كافۇرگۇن --- ئاق رەڭلىك مەي]؛
- كافۇرىي — كاپۇرغا تەئەللۇق ؛ ئاق رەڭلىك؛ [كافۇرىي ئەسۋاب --- ئاپپاق كىيىملەر]؛
- كافۇنۇن — ؛«ك»ھەرپى بىلەن «ن » ھەرپىنىڭ نامى بولۇپ ، ئىككىسى قوشۇلسا «بول ، پەيدا يول»دېگەن مەنادىكى «كن» (كۇن ) سۆزى ھاسىل بولىدۇ
- كافېدرا — ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا بىر ياكى بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بىر نەچچە پەنلەر بويىچە ئىش ئالىپ بارىدىغان پروفېسسور،
- كافىر — كاپىر ، ئىنكار قىلغۇچى ، ياراتقۇچىنى تونۇمىغۇچى ، ئىسلامدىن غەيرىي دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى؛ لەۋزىدە تۇرمايدىغان رەھىمسىز ،
- كافىرانە — دىنسىزلارچە ؛ رەھىمسىزلەرچە؛
- كافىرۋەش — كاپىرغا ئوخشاش ؛ كاپىر سۈپەت ؛ رەھىمسىز؛
- كافىرىستان — غەيرىي دىندىكىلەر يۇرتى؛
- كافىي — كۇپايە قىلارلىق ، يېتەرلىك؛
- كاقۇربار — كاپۇر ياغدۇرغۇچى ، خۇشبۇي تارقاتقۇچى ، قار ياغدۇرغۇچى؛
- كاكائو — كاكائو (Theobroma cacao) ئىسسىق بەلۋاغ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇغى (كاكائو دانلىرى) شاكىلات، كاكائو كۆك
- كاكۇل — ئىككى چېكىدىكى چاچ ؛ ماڭلاي چاچ ، چاچ؛
- كاڭكا — ئايرىم نەرسەلەرنىڭ بىر-بىرىگە يېپىشىپ پۈتۈن بۇلۇپ قېلىشى؛
- كالا — ئەشيا . مال ؛ رەخت ، ئۆي جاماھازلىرى ، جابدۇق ، سايمان؛
- كالائازار — كالائازار (Leishmania donovani پارازىتى سەۋەبىدىن) پەيدا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە قۇمسىچانلار (sandfli