لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كازىبۋەش — ساختىپەزدەك ، يالغانچىغا ئوخشاش؛
- كازىپ — يالغان سۆزلەگۈچى ؛ كۈن چىقشتىن-بۇرۇن بىلىنىپ، كېيىن غايىپ بولىدىغان يورۇقلۇق؛
- كاس — ؛(1) كاسا . مەي ئىچىلىدىغان قەدەھ؛ (2) بولجۇڭ گۆش ؛ كاسا؛
- كاسا — 1)دىۋانىلارنىڭ يېنىغا ئېسىۋېلىپ مېتال پۇل سالىدىغان قاچاسى؛2) پۇل ۋە قىممەتلىك نەرسەلەر ساقلىنىدىغان پولات ساندۇق؛
- كاساپەت — كېلىشمەسلىك؛ نەس؛ بالا-قازا؛ پىشكەللىككە ئۇچراش؛ ئەسلى مەناسىدە: نۇرلۇق جىسىمدا پەيدا بولىدىغان تۇتۇقلۇق؛
- كاسايا — راھىپلارنىڭ بىر مۇنچە تۆت چاسا قۇراقلاردىن تىكىلگەن چاپىنى؛
- كاسە — قاچا ، تاۋاق ؛ قەدەھ؛
- كاسەگەر — كاسا ياسىغۇچى ، كۇلال؛
- كاسەگەرلىك — كاسىچىلىق ، كۇلالچىلىق؛
- كاست — كېمىيىش ، ئازىيىش ، تۆۋەنلەش قىسقىراش . يېتىشمەسلىك؛
- كاسسەئى زەررىز — ئالتۇن قاچا؛
- كاسكا — مېتالدىن ياسالغان باش كىيىم؛
- كاسكى — تولا سۆزلەيدىغان؛ ھاقارەت مەناسى--قاۋاش؛
- كاسنا — بۇيرۇتما ئىش؛ زاكازغا بېرىلگەن؛
- كاسىب — كەسىپ قىلغۇچى ، ھۈنەر ئۆگەنگەن ، ھۈنەرۋەن ؛ پايدا ئالغۇچى ،ھايانكەش؛
- كاسىد — كاسات . راۋاجسىز . كاساتچىلىق؛
- كاسىد(كاسات)؛ — خېرىدارسىزلىق، ئېلىش-بېرىش ئىشلىرىدىكى تۇرغۇنلۇق؛
- كاسىنو — Casino(ئىسىم)-- قىمار ئويۇنلىرى، ئىستىراھەت پائالىيەتى ۋە ئاش-ئىچىش خىزمەتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتلىك ئورۇننى بىلد
- كاش — كاشكى؛
- كاشانە — ئۆي ، خانا ، تۇرار جاي ؛ ئۇۋا ، چاڭگا؛
- كاشكاپ — دورا قاينىتىپ ئىچىدىغان چۆگۈن؛
- كاشكى — ئىست؛ ئەپسۇس ؛ بولسىچۇ؛
- كاشىف — كەشىپ قىلغۇچى ، ئاچقۇچى ، تاپقۇچى ، كەشپىياتچى؛
- كاشىكارلىغ — رەڭلىك خىش پىشۇرۇش ھۈنىرى ؛ رەڭلىك خىش بىلەن نەقىشلەش ، بىزەش ؛