لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كەۋدەن — كالۋا ، پەمسىز ، دۆت ، ئەخمەق ، ئورۇق ، قىرچاڭغۇ (ئات) ؛
- كەۋزە — تاغاق سۆڭىكى؛
- كەۋسەر — جەننەتتىكى دەريانىڭ ئىسمى؛
- كەۋشەك — كۆشەك؛
- كەۋشەمەك — يۇمشىماق ؛ كۆشىمەك؛
- كەۋكەب — يۇلتۇز؛ [كەۋكەب ئەنزارى --- يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەت دەرەجەلىرى]؛ [كەۋكەب ئەفشان --- كۆچمە مەناسى: ياش تۆكۈش]؛
- كەۋكەب ئايىن — يۇلتۇزدەك ، يۇلتۇز كەبى ، يۇلتۇزغا ئوخشاش؛ چاقناپ تۇرىدىغان ، پارلاق ، جۇلالىق؛
- كەۋكەبە — يۇلتۇز؛ پارلاقلىق؛
- كەۋكەبگۇن — يۇلتۇزغا ئوخشاش ، يالتىراق ، چىرايلىق ، پارلاق؛
- كەۋكەبى جەھانتاب — جاھاننى يورىتىدىغان يۇلتۇز ؛ جاھاننى قىزىتىدىغان يۇلتۇز؛
- كەۋكەبى رەخشەندە — پارلاق يۇلتۇز؛
- كەۋكەبى سەييار — سەييارە يۇلتۇز ؛
- كەۋكەبىستان — يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان ئاسمان؛
- كەۋن — بارلىق ، مەۋجۇتلۇق ؛ دۇنيا - ئالەم؛
- كەۋنەين — ئىككى دۇنيا ، ئۇ دۇنيا ۋە بۇ دۇنيا؛
- كەۋنۇمەكان — دۇنيا ، ئالەم ، بارلىق ، مەۋجۇدىيەت؛
- كەۋۇرگە — چوڭ دۇمباق؛
- كەي — ؛(1) ئۇلۇغ پادىشاھ ، كاتتا مەرتىۋەلىك؛ (2) تامغا ، تامغا بېسىش ؛ داغ؛ (3) شېئىردا ۋەزن تەلەپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان «كى ،
- كەيبۇر — ئوقيا ئوقىنىڭ ئەڭ ئەنلىك (كەڭ ) بىر خىلى ؛ ئۇزۇن چوڭ ھەرە،جادۇ ھەرە؛
- كەيپىيات — كەيپىيات-- دېگەن سۆز ئىنساننىڭ ۋاقىتلىق ھېسسىيات ياكى روھىي ھالەتىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن خۇشال، غەمكىن، بىئارام ياكى ھايا
- كەيد — ھىيلە ، مىكىر ، ئالدام ، ھەييارلىق؛ [كەيد قىلماق --- مەككارلىق قىلماق ، ئالدىماق]؛
- كەيف — كەيپ؛
- كەيفە — قانداق ، قانداق قىلىپ؛ [كەيفە ھال --- قانداق ئەھۋال؟]؛
- كەيفىييات — ؛«كەيفىييەت»نىڭ كۆپلۈكى : كەيپىياتلار ، ئەھۋاللار ،ھالەتلەر؛