لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كەنجە — ئاخىرقىسى؛ كېمىن پىشىدىغان؛ كىچىكى؛
- كەنجەل — كەكلىك تىپىدىكى بىر خىل قۇش؛
- كەندەرەمەك — سېسىماق ، چىرىمەك؛
- كەندەرلىك — پەرتۇق؛
- كەنز — جۇغلانما ، توپلانغان بايلىق، يىغىلغان مال - دۇنيا ، خەزىنە؛
- كەننافە — بىر خىل ھايۋان نامى . نەۋائىي ئۇنى شاھمات ئۇرۇقلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كەلتۈرىدۇ؛
- كەنۇماكان — مەۋجۇدات؛ بارلىق ماكان؛
- كەنىتكىنە — كىچىك كەنت ، كىچىك يېزا؛
- كەنىز — چۆرە ، ئايال خىزمەتكار؛
- كەنىزەك — چۆرە قىز ، ياش چۆرە ، كېنىزەك؛
- كەنىسە — يەھۇدىيلار ئىبادەتخانەسىنىڭ ئىچكى قىسمى ، مەخسۇس بۆلۈمى؛
- كەھ — ق . كاھ؛
- كەھدۇد — سامان تۈتۈنى، ساماننىڭ كۆيۈشىدىن چىققان ئاچچىق ئىس؛
- كەھرەبا/كەھروباي — بىر خىل سېرىق تاش (ساماننى ئۆزىگە تارتىش خۇسۇسىيەتى بولغىنى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان)، كەھرىۋا ؛ كۆچمە مەناسى: سېرىق؛
- كەھرەباگۇن — كەھرىۋا رەڭلىك ، كەھرىۋادەك ساپسېرىق؛
- كەھرەبالىق — تارتىش كۈچى ، جەزىبە ؛ كۆچمە مەناسى: ساغۇچلۇق؛
- كەھرەباۋەش — كەھرىۋاغا ئوخشاش سېرىق؛
- كەھرىۋا — قاتتىق ھەم سۈزۈك، ساماننى ئۆزىگە تارتىش خۇسۇسىيەتىگە ئىگە قىزىل، سېرىق قېزىلماتاش؛
- كەھف — غار ، تاغ ئۆڭكۈرى ؛ پاناھ جاي ، سېغىنىش جايى؛ [ئەسھابى كەھف --- غار ساھابىلىرى (رىۋايەت قىلىنىشىچە ، بۇلار ئالتە ئادەم ھ
- كەھفۇل ئەنام — كىشىلەر تايانچى ، ئادەملەر پاناھى؛
- كەھكەشان — كېچەسى ئاسماندا ئۇزۇنىسىغا كۆرۈنىدىغان ئاق يول ، سامان يولى؛
- كەھگىل — سامانلىق لاي ، كاكۇل؛
- كەۋاكىب — ؛«كەۋكەب»نىڭ كۆپلۈكى : يۇلتۇزلار ؛
- كەۋەل — جۇۋا ؛