لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كەففە — تارازا پەللىسى ؛ كونا ئاسمانشۇناسلىق چۈشەنچەسى بويىچە ، ئاسماندىكى ئون ئىككى بۇرجنىڭ يەتتىنچىسى بولغان مىزان بۇرجى؛
- كەففەئى مىزان — تارازا پەللىسى؛
- كەفگىر — كەپكۈر؛
- كەفليز — كەپكۈر ، چۆمۈچ؛
- كەفىل — كاپالەتچى ، كېپىللىك قىلغۇچى ؛ ۋاكالەتچى ، ۋەكىللىك قىلغۇچى؛
- كەكەك — كېكەچ؛
- كەكەكلەمەك — كېكەچلىمەك؛
- كەكەيتمەك — مەغرۇرلاندۇرماق؛
- كەكەيمەك — مەغرۇرلانماق ، غۇرۇرلانماق؛ ئۆزىنى چوڭ تۇتماق؛
- كەكلىك — كەكلىك-- Phasianidae ئائىلەسىگە تەۋە، لېكىن بۆدۈنەدىن كىچىكرەك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنى يۇمىلاق، قۇيرۇقى قىسقا ۋە يوشۇرۇن
- كەڭ تارقالغان/ئومۇمىي — Widespread(سۈپەت)-- دېگەن سۆز "wide" (كەڭ) ۋە "spread" (تارقاش) نىڭ بىرىكمەسى بولۇپ، كەڭ رايوندا تارقالغان، كۆپ جايدا يا
- كەڭەلمەك — كېڭەيمەك ، ئېچىلماق؛
- كەڭىمەك — كېڭەيمەك؛
- كەل — ؛(1) تاز ، پاينەك باش؛ (2) خالتا ، تاغار؛
- كەلئەدەم — يوقتەك ، گۇمران بولغاندەك ؛ يوقالغانغا ئوخشاش؛
- كەلاغ — قاغا؛ [كەلاغ پا --- قاغا پۇتى]؛
- كەلال/كەلالەت — ھېرىش ، چارچاش ، ھارغىنلىق ، ئېغىرلىق ، مالاللىق؛
- كەلام — سۆز ، جۈملە ، گەپ ، نۇتۇق ؛ (ئىسلام دىنىدىكى ) ئەقىدە ئىلمى ، ئېتىقاد ئىلمى؛ [ئىلمى كەلام --- ئەقىدە ئىلمى]؛ [كەلام سۈرم
- كەلامۇللاھ — ئاللاھنىڭ سۆزلەرى (قۇرئان)؛
- كەلامى جانفىزا — كىشىنى روھلاندۇرىدىغان سۆز ، ئىلھام بەخش سۆز؛
- كەلامى فەسىھ — پاساھەتلىك سۆز ، ئېنىق ھەم گۈزەل سۆز؛
- كەلامى نىھان — يوشۇرۇن تەلىمات ، مەخپىي سۆز؛ كۆچمە مەناسى: سىر؛
- كەلانتەر — ئاقساقال ، يېزا باشلىقى ، شەھەر باشلىقى؛
- كەلەندىي — قازغۇچى ، يەر قازغۇچى؛