لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كەششاف — ئاچقۇچى ، كەشىپ قىلغۇچى ، كەشپىياتچى ؛ مەنا ئېيتقۇچى ،مەناسىنى يەشكۈچى ،تەبىر بەرگۈچى؛
- كەششافە — بىر خىل ھايۋان ئىسمى؛
- كەششەمس — قۇياشتەك ، كۈنگە ئوخشاش؛ [كەششەمس نىسفۇننەھار --- چىڭقى چۈشتىكى كۈندەك، چۈش مەزگىلىدىكى قۇياشتەك]؛
- كەشف — ؛(1) ئېچىش ، قېزىش ، تېپىش ، كەشىپ قىلىش ، ئىختىرا قىلىش؛ [كەشف ئەتمەك ---ئاچماق ، تاپماق ، كەشىپ قىلماق]؛
- كەشفى راز — سىر ئېچىش؛
- كەشفىييات — كەشپىيات ، تېپىلما؛
- كەشنىز — يۇمغاقسۈت ، ئاشكۆكى؛
- كەشىدە — كەشتە ، گۈل تىكىش؛
- كەشىدەلىك — كەشتىلىك ، كەشتە تىكىلگەن ، گۈل تىكىلگەن ، گۈل چېكىلگەن؛
- كەشىر — سەۋزە؛
- كەشىزادە — ئاق سۆڭەك ؛ ئېسىلزادە؛
- كەشىش — ؛(1) تارتىش ، جەلپ قىلىش؛ (2) ماناخ ، پوپ (خىرىستىيان دىندىكى) تەركىدۇنيا بولغان كىشى؛
- كەشىك — قاراۋۇل؛
- كەشىكچى — قاراۋۇل ، دەرۋازىۋەن؛
- كەشىكخانە — قاراۋۇللار ئۆيى؛
- كەف — ؛(1) كۆپۈك ، ماغزاپ ، بۇژغۇن؛ [كەف ساچماق --- كۆپۈك چاچماق، شالىسىنى چاچراتماق؛ كۆچمە مەناسى: كاسىلدىماق ، ۋالاقلىماق]؛
- كەفاف — ئېھتىياجغا يەتكۈدەكلا ئاشلىق ، يېمەك؛ [روزگار كەفافى --- كۈن كەچۈرۈشكە لايىقلا ئوزۇق - تۈلۈك]؛
- كەفالات — ؛«كەفالەت»نىڭ كۆپلۈكى : كېپىللىكلەر ، كاپالەت؛
- كەفالەت — كېپىللىك ، كاپالەت؛
- كەفەرە — ؛«كافىر»نىڭ كۆپلۈكى : ئىسلام دىنىغا ئىشەنمەيدىغانلار ، دىنسىزلار؛
- كەفەن — كىپەن؛
- كەفچە — ؛(1) كەپكۈر ؛ ساپلىق سۈزگۈچ؛ (2) ئەگىرباش يىلان؛
- كەفش — كەش ، ئاياغ كىيىم؛
- كەففارەت — گۇناھنى يۇيۇش ، گۇناھنى يۇيۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئىش ؛ گۇناھنى يۇيۇش ئۈچۈن بېرىلگەن بەدەل؛