لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قۇدۇساق — سەللە؛
- قۇدۇق — تاي ، تەخەي؛
- قۇدۇقلۇق — ئىنساپسىز ، ئادالەتسىز؛
- قۇدۇقماق — ئۆزىنى تۇتالماسلىق ، زالىمانە ئىش قىلماق ، ئادالەتسىزلىك قىلماق؛
- قۇدۇم — كېلىش ، يېتىپ كېلىش ، قەدەم تەشرىپ قىلىش؛
- قۇدۇمان — غەزەپكە تولغان ، ئەقلىدىن ئاداشقان ، ئەقلىدىن كەتكەن؛
- قۇدۋە/قۇدۋەت — ئۈلگە ، ئۆرنەك ؛ داھىي ، يولباشچى ، سەردار؛
- قۇدۋەئى ئەھلى يەقىن — سوپىلار باشلىقى؛
- قۇدۋەتۇلئەھرار — ئەركىنلىكنىڭ ئۈلگىسى ، ھۆرلەرنىڭ داھىيسى؛
- قۇدۋەتۇلئەۋلىيا — ئەۋلىيالار سەردارى؛
- قۇر — يۇڭدىن ئۆرۈلگەن ياپىلاق ئارغامچا ؛ توقۇلما بەلباغ؛ قېتىم ، نۆۋەت؛
- قۇرئە — پال ، چەك؛ [قۇرئە سالماق --- چەك تاشلىماق]؛
- قۇرئەنداز — پالچى؛ قۇرئى ئاچقۇچى؛
- قۇرئى — تەلەي سىناش ئۈچۈن ئېچىلىدىغان پال؛
- قۇرا — ؛«قەريە»نىڭ كۆپلۈكى : يېزىلار ، كەنتلەر ، قىشلاقلار؛
- قۇراق — قۇرغاق؛
- قۇرامە — تۈركىي قەبىلىلەردىن بىرى؛
- قۇرانماق — قىلتاق قويماق ، دام قۇرماق ، ھىيلە ئىشلەتمەك؛
- قۇرەئ — ؛«قۇرئە»نىڭ كۆپلۈكى: پاللار ، چەكلەر؛
- قۇرەتماق — قۇرۇتماق؛
- قۇرەيش — قەدىمقى زاماندىكى مەشھۇر ئەرەب قەبىلىسى؛ مۇھەممەد پەيغەمبەر شۇ قەبىلىدىن؛
- قۇرەيشىي — ئەرەبلەرنىڭ قۇرەيش قەبىلىسىگە مەنسۇپ؛
- قۇرب — يېقىنلىق ، يېقىن بولۇش ، تۇغقانلىق مۇناسىۋەتى؛
- قۇربان — يانىڭ قېپى ، غىلاپ ، قاپ ، قىن؛