لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قۇتۇز — قۇترىغان؛ [قۇتۇز بولماق --- قۇترىماق]؛
- قۇتۇلقۇلۇب — نەۋائىي زامانىدىكى ئۇيغۇرچە كلاسسىك بىر كىتابنىڭ ئىسمى؛
- قۇچاشلاماق — قاپلىماق ؛ قۇچاقلىماق؛
- قۇچاشلانماق — قۇچاقلاشماق؛
- قۇچالاق — سار ، ساڭقارا؛
- قۇچقۇ — قۇچاقلىنىدىغان؛
- قۇچۇشماق — قوچاقلاشماق؛
- قۇچۇق — قۇچاق؛
- قۇچۇماق — قۇچاقلىماق ، قۇچماق؛
- قۇچىق — كونا ئاسمانشۇناسلىق چۈشەنچەسى بويىچە ئاسماندىكى ئون ئىككى بۇرجنىڭ تۆتىنچىسى،قىسقۇچ پاقا (راك ) بۇرجى؛
- قۇدا — دوست ، ھەمراھ ؛ ئەلچى ؛ قۇدا؛
- قۇدالاق — چوڭ ئەجداد ، يۇرت چوڭى ؛ سەردار؛
- قۇدامان — قۇدىلاشقان؛
- قۇدەمائ — ؛«قەدىم»نىڭ كۆپلۈكى : قەدىمقىلەر ، ئۆتمۈشتىكىلەر ، كونىلار ، بۇرۇنقىلار ، قەدىمىي مىللەتلەر؛
- قۇددۇس — پاك ، مۇقەددەس ؛ تەڭرى؛
- قۇددىسە سىررۇھو — ئۇنىڭ سىرى مۇقەددەس قىلىنغاي ، ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكى ئىززەتلەنگەي (ۋاپات بولغان كىشى ھەققىدە ئېيتىلىدىغان دۇئا سۆزى )؛
- قۇدرەت — ئىقتىدار؛ قۇۋۋەت؛
- قۇدس — پاكلىق ، مۇقەددەسلىك ؛ مۇقەددەس جاي ، جەننەت؛ [رىيازى قۇدس --- جەننەت]؛
- قۇدسى شەرىف — ئىرۇسالىم شەھەرى؛
- قۇدسىي — پاك ، مۇقەددەس ، جەننەتتەك ، جەننەت كەبى ، پەرىزات؛ [قۇدسىي ئاسار --- پاك نىشانلىق، پاك بەلگەلىك]؛ [قۇدسىي روھ --- پاك ر
- قۇدسىييەت — مۇقەددەس ، مۇقەددەسلىك ، ئەزىزلىك ، پاكلىق؛
- قۇدمەت — بۇرۇن؛ ئىلگىرى؛
- قۇدمەتى خىزمەت — خىزمەت ئىستاژى؛
- قۇدومەت — قەدىمىيلىك ، كونىلىق ، ئىستاژ ، خىزمەت تارىخى؛