لۇغەتنى كۆرۈش: ف
- فۇزۇل — بىھۇدە ، ئارتۇقچە (ئىش ياكى سۆز ) ؛ ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلىشىۋالغۇچى؛ مەمەددانە ، ئۆزىنى بىلەرمەن كۆرسەتكۈچى
- فۇزۇللۇغ — بىھۇدەلىك ؛ تەنتەكلىك ، تەلۋەلىك ؛ ئەزمەلىك؛
- فۇزۇلىي — ئۆزىگە مۇناسىۋەتى بولمىغان ئىشلارغا چات كېرىۋالغۇچى ؛ بىھۇدە سۆزلەگۈچى ، ۋالاقتەككۈر، كاسكاس؛
- فۇزۇن — ئارتۇق ، زىيادە ، كۆپ ، مول؛ [فۇزۇن ئەيلەمەك --- ئارتتۇرماق ، كۆپەيتمەك]؛
- فۇساق — ؛«فاسىق»نىڭ كۆپلۈكى : ئەخلاقسىزلار ، يامان يولدا يۈرگۈچىلەر ، بۇزۇقلار؛
- فۇسەھ — ؛«فۇسھەت»نىڭ كۆپلۈكى : كەڭلىكلەر ، ئوچۇقچىلىقلار ، كەڭ يەرلەر؛
- فۇسەھائ — ؛«فەسىھ»نىڭ كۆپلۈكى : پاساھەتلىك سۆزلەگۈچىلەر ، قائىدەگە ئۇيغۇن ، گۈزەل سۆزلەگۈچىلەر ، سۆزگە ماھىرلار ، ناتىقلار ، سۆزمە
- فۇسھەت — كەڭلىك ؛ كەڭ يەر ، ئوچۇقچىلىق؛
- فۇسۇس — ؛(1) مازاق قىلىش ، مەسخىرە قىلىش ، ئەخمەق قىلىش ؛ ئەپسۇس ،نادامەت؛ (2)«فەسس»نىڭ كۆپلۈكى: ئۈزۈك كۆزىگە ئورنىتىلغان ئېسىل
- فۇسۇل — ؛«فەسل»نىڭ كۆپلۈكى : قىسىملار ، بۆلەكلەر ؛ پەسىللەر مەۋسۇملار؛
- فۇسۇلى ئەربەئە — تۆت پەسىل؛
- فۇسۇنرىز — يازغۇچى؛
- فۇسۇنگەر/فۇسۇنساز — ئەفسۇنچى ، سېھىرگەر ، نەيرەڭۋاز ، ھىيلىگەر ، ئالدامچى؛
- فۇقەرائ — ؛«فەقىر»نىڭ كۆپلۈكى : نامراتلار ، يوقسۇللار ، پېقىرلار؛
- فۇقەھائ — ؛«فەقىھ»نىڭ كۆپلۈكى : ئىسلام قانۇنىنىڭ ئالىملىرى ؛ شەرىئەتشۇناسلار؛
- فۇلان/فۇلانچە — پالانى ، پالانچى؛
- فۇلقان — ؛«فەلەق»نىڭ كۆپلۈكى : سەھەرلەر ، تاڭ ئاتار چاغلىرى؛
- فۇلۇرىي — ئالتۇن ئاقچا ، تىللا؛
- فۇلۇس — ؛«فەلس»نىڭ كۆپلۈكى : ياماقلار ، پۇللار؛
- فۇنكىسيە
- فۇنۇن — ؛«فەنن»نىڭ كۆپلۈكى : ھۈنەرلەر ، پەنلەر ، نەيرەڭلەر؛
- فۇھش — بۇزۇقلۇق، ئەدەپسىزلىك، بەدقىلىقلىق؛ سەت گەپ، ئاغزىنى بۇزۇش، تىللاش، تىل-ھاقارەت؛
- فۇھشگوي — ئاغزى يامان ، ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدىغان؛
- فۇيۇز — ؛«فەيز»نىڭ كۆپلۈكى : پاراۋانلىقلار ، مەمۇرچىلىقلار ، مولچىلىقلار؛