لۇغەتنى كۆرۈش: ف
- فۇرجە — تۆشۈك ، يېرىق ، ئارىلىق ، بوشلۇق؛
- فۇرس — ؛«فارس»نىڭ كۆپلۈكى : پارسلار ، پارسلار يۇرتى؛
- فۇرسەت — غەنىيمەت ۋاقىت ، پايدالىق ۋاقىت ، پۇرسەت ، نۆۋەت ، دەم ئېلىش ۋاقتى، بىكار چاغ؛
- فۇرقان — دەلىل ، ئىسپات ، پەرق ئېتىش ، ياخشى - ياماننى ئايرىش ؛ قۇرئان؛
- فۇرقەت — ئايرىلىش ، پىراق ، جۇدالىق؛
- فۇرۇ گۇزاشت — ئېتىبارسىزلىق ، بىپەرۋالىق ، ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، سەل قاراش؛ [فۇرۇ گۇزاشت قىلماق --- تاشلاپ قويماق ، بىپەرۋالىق قىلماق ،
- فۇرۇئ/فۇرۇئات — ؛«فەرئ»نىڭ كۆپلۈكى : شاخلار ؛ شۆبىلەر؛
- فۇرۇتەن — كەمتەر ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان؛
- فۇرۇتەنلىغ — كەمتەرلىك؛
- فۇرۇد — پەسىيىش ، تۆۋەنلەش ، چۈشۈش ، ئازىيىش ، ئاستىنقى قىسىم ، ئاستىنقى ، ئاستىداكى ؛تۆۋەن ، پەس؛
- فۇرۇدەست — كۈچسىز ، مەغلۇپ بولغان؛
- فۇرۇدەستلىغ — كۈچسىزلىك ، ئاجىزلىق ، قابىلىيەتسىزلىك ، مەغلۇبىيەت؛
- فۇرۇز — ؛(1) «فەرز» نىڭ كۆپلۈكى : تەخمىنلەر ، پەرەزلەر ، تەسەۋۋۇپلار؛ (2) سۆز بىرىكمەسىدە «ياققۇچى ، ياندۇرغۇچى ، يورۇتقۇچى ، پا
- فۇرۇزان — پارلاق ، نۇرلۇق ، كۆز چاقنىتىپ تۇرىدىغان ؛ كۆيدۈرگۈچ ، كۆيۈپ تۇرغان؛
- فۇرۇزەندە — پارلاق ، نۇرلۇق ، چاقناپ تۇرغان ؛ ياققۇچى ، ياندۇرغۇچى ،يورۇتقۇچى ، پارتلاتقۇچى؛
- فۇرۇزەندەراق — ئەڭ يورۇق ؛ ئىنتايىن پارلاق؛
- فۇرۇس — ؛«فەرەس»نىڭ كۆپلۈكى : ئاتلار؛
- فۇرۇش — سېتىش ، ساتقۇچى؛ [مەي فۇرۇش --- مەي ساتقۇچى]؛ [فۇرۇش كۇللى --- توپ سېتىش]؛
- فۇرۇغ — يالتىراش ، پارقىراش ، يورۇقلۇق ، روشەنلىك ، شولا ، نۇر؛
- فۇرۇغمەند — نۇرلۇق ، نۇرانە ، پارقىراق ، نۇرغا چۆمۈلگەن؛
- فۇرۇق — ؛«فەرق»نىڭ كۆپلۈكى : پەرقلەر؛
- فۇرۇكەش — چۈشۈش ، چۆكۈش ، توختاش ، بىر جايدا تۇرۇپ قېلىش ،ئىستىقامەت قىلىش؛
- فۇرۇمايە — پەس ، پەسكەش ، چاكىنا ؛ نەسىل - نەسىبى تۆۋەن؛
- فۇزەلائ — ؛«فازىل»نىڭ كۆپلۈكى : پەزىلەتلىكلەر ، تالانتلىقلار ، ئالىملار؛