لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سۇدۇ زىيان — پايدا - زىيان؛
- سۇدۇ سەۋدا — ئالدى - ساتتى ، سودىگەرچىلىك؛
- سۇر — ؛(1) مۈڭگۈزدىن ياسالغان كاناي ، بۇرغا ؛ دىنىي چۈشەنچە بويىچە ، قىيامەت كۈنى ئىسرافىل پەرىشتە چالىدىغان بۇرغا؛ (2) قورغان
- سۇراھى — قەدەھ.
- سۇراھىي — ئۇزۇن بۇيۇنلۇق مەي قاچاسى؛ ئوچۇق، غۇبارسىز؛
- سۇرەييا — ھۈكەر ، ھۈكەر يۇلتۇزى؛
- سۇرخ — قىزىل، قىزىل رەڭلىك؛ [گۈلى سۇرخ --- قىزىل گۈل]؛
- سۇرخ بىد — قىزىل سۆگەت ، قىزىل تال؛
- سۇرخ رو — قىزىل يۈز ، چىرايىدا قېنى بار، شاد ، خۇرسەن؛
- سۇرخ رولۇغ — يۈزى قىزىللىق ، شادلىق ، خۇرسەنلىك؛
- سۇركاۋۇل — سۇركاۋۇل-- بۇئەرەبچە بىلەن ئۇيغۇرچەدىن بىرىككەن سۆز بۇلۇپ، قورغاننىڭ باش ئەمەلدارى، قورغاننى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ئەمەلدار
- سۇرمە — قارىنداش، قەلەم ياساشتا ئىشلىتىلدىغان خام ئەشيا؛ ئاياللار قاش - كىرپىكلىرىگە سۇرىدىغان قارا بوياق.
- سۇرۇخ — قىزىل؛ تامغا بېسىشغا ئىشلىتىلىدىغان قىزىل ماي.
- سۇرۇد — ناخشا ، قوشاق ، كۈي ، مۇزىكا؛ [سۇرۇد تارتماق --- كۈيلىمەك]؛ [سۇرۇد يەسەماق ---ناخشا ئېيتماق ، كۈيگە سالماق]؛
- سۇرۇر — شادلىق ، خۇشاللىق ، خۇرسەنلىك ، سۆيۈنچ؛
- سۇرۇرسىز — كۆڭۈلسىز ، بىپەيزى؛ [سۇرۇرسىز جەمئ --- كۆڭۈلسىزلىك]؛
- سۇرۇش — خەۋەر يەتكۈزگۈچى پەرىشتە ، جىبرائىل؛
- سۇرىن — ئارقا ، دۈمبە ؛ يوتا قۇيرۇق ، كاسا؛
- سۇس رەڭ/رەڭلەش — Tint(ئىسىم/پېئىل)--ئىسىم شەكلىدە ئاق رەڭگە باشقا رەڭ قوشۇپ ياسالغان سۇس رەڭ، رەڭ سايىسى، ئوچۇق رەڭ؛ كىچىك رەڭ پەرقى؛ پېئ
- سۇساماق — ئۇسسىماق؛ [چوق سۇساماق --- بەك ئۇسسىماق]؛
- سۇست — ئاجىز ، قۇۋۋەتسىز ، جانسىز ، زەئىپ؛
- سۇست راي — ئىرادەسىز ، بوشاڭ ، كەم ئەقىل؛
- سۇست رايلىق — ئىرادەسىزلىك ، بوشاڭلىق ، كەم ئەقىللىق؛
- سۇستايماق/سۇستانماق — سولاشماق ، بوشاشماق ، كۈچسىزلەنمەك؛