لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سۇتۇدە — ماختاشقا سازاۋەر ، ماختىلىدىغان ، ماختالغان؛
- سۇتۇر — ئات - ئۇلاغ؛
- سۇتۇن — تۈۋرۈك؛
- سۇتۇھ — ؛(1)«سەتھ»نىڭ كۆپلۈكى : يۈزلەر ، بەتلەر؛ (2) چارچىغان، ھارغان ، ئازابلانغان ، قىينالغان ، ھېرىش ، چارچاش، قىينىلىش؛
- سۇجۇد — سەجدە ، باش قۇيۇش ، ئېگىلىش ، تەزىم قىلىش ؛ ئىبادەت ، ناماز؛
- سۇجۇدات — ؛«سۇجۇد»نىڭ كۆپلۈكى: سەجدىلەر ، چوقۇنۇشلار؛
- سۇچى — سۇچى، سۇ توشىغۇچى ، ئىچىملىك باشقۇرغۇچى ، ئىچىملىك بېگى؛
- سۇخەن — سۆز ، تۇتۇق ، ئىپادە ، گەپ؛ [كەم سۇخەن --- مۆڭ؛ گېپى ئاز]؛
- سۇخەن ئارا — شېرىن سۆز ، گېپى چىرايلىق ، گەپدان ، سۆزمەن ، ناتىق؛
- سۇخەنچى — ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا يامان نىيەت بىلەن گەپ توشىغۇچى؛كۈشكۈرتكۈچى؛
- سۇخەندان — سۆزمەن ، سۆز ئۇستاسى ، گۈزەل ۋە ئورۇنلۇق سۆزلەگۈچى ؛
- سۇخەنسەنج — سۆزمەن ، گەپدان؛
- سۇخەنگۇزار — سۆزىنى ئۆتكۈزگۈچى، توسۇلماي سۆزلەگۈچى؛
- سۇخەنگۇزارلىق — سۆزىنى ئۆتكۈزۈش ، توسۇلماي سۆزلەش؛
- سۇخەنگۇي — گەپ قىلغۇچى ، سۆزمەن ، سۆزگە ئۇستا؛
- سۇخەنۋەر — سۆزمەن ، سۆزگە ئۇستا ، بىلىملىك؛ [سۇخەنۋەر قىلماق --- سۆزگە ئۇستا قىلماق]؛
- سۇخەنۋەرلىك — سۆزگە ئۇستىلىق ، سۆزمەنلىك؛
- سۇخرە — مەسخىرە ، مازاق ، ئويۇنچۇق؛
- سۇد — ؛(1) پايدا ، بەھرە ، نەپ؛ [نىسۇد --- نېمە پايدا؟]؛ [سۇد ئەتمەك، سۇد تاپماق --- پايدا تاپماق ، نەپ ئالماق]؛ [سۇد قىلماق -
- سۇد ئەندىشە — پايدا قوغلاشقۇچى ، مەنپەئەتىپەرەس؛ [سۇد ئەندىشە خەلق --- پايدا قوغلىشىدىغان كىشىلەر]؛
- سۇدائ — باش ئاغرىقى؛
- سۇدە — يەنچىلگەن ، ئۇۋۇتۇلغان، سۈركىلىپ ئۇپرىغان ، ئىكەلگەن، ھەرىدەلگەن؛ [مۇشكى سۇدە --- يەنچىلىگەن ئەنبەر ، ئۇۋاق مۇشك]؛ [سۇدە
- سۇددە — دەرۋازا ، ئىشىك ؛ بوسۇغا ، ئاستانە؛
- سۇدمەند — پايدالىق ، ئەپلىك؛