لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەدەمە — توساتتىن كەلگەن زەربە ، ئۇرۇلۇش ، بېسىلىش ، يەنچىلىش؛
- سەدپارە — يۈز پارە؛
- سەدد — توساق ، تام ، سېپىل ، قورغان؛ [سەددى ئىسكەندەر --- ئىسكەندەر سېپىلى (نەۋائىيننىڭ «خەمسە» دىكى]؛ [سەددى چىن --- جۇڭگو سېپ
- سەددى — توساق.
- سەدر — كۆكرەك ، مەيدە ؛ باشلىنىش ، رەئىس ، باشلىق ؛ شېئىردا بىرىنچى مىسرانىڭ بىرىنچى سۆزى؛
- سەدكار — كۆپ ماھارەتلىك؛ قولىدىن ھەمىمە ئىش كېلىدىغان؛
- سەدھەزار — يۈز مىڭ ؛ [بۇلبۇلى سەدھەزار --- يۈز مىڭ بۇلبۇل]؛
- سەدھەزاران — يۈز مىڭلاپ؛
- سەدىر — مەيدە؛ كۆكسى.
- سەدىرى — باشلانماق؛ تۆر؛ ئۆينىڭ تۆرى؛
- سەدىقە — ئاللانىڭ رىزاسى ئۈچۈن پەقىرلەرگە بېرىلدىغان پۇل ياكى باشقا نەرسە؛
- سەديەك — يۈزدىن بىر ؛
- سەر — باش، ئۇچ، چوققا؛ [دەردى سەر --- باش ئاغرىقى]؛
- سەر بەستە — بېشى باغلىق ؛ يېپىق، يوشۇرۇن ، مەخپىي؛
- سەر پەنجە — قول پەنجىسى ، بارماقلار ، ئالىقان؛ كۆچمە مەناسىل: كۈچ - قۇدرەت؛
- سەر پوش — قاپقاق ، ياپقۇچ ، يېپىنچا ، يوپۇق ، باش يوپۇقى؛
- سەر تەكيە — باش تەكيە (دەرۋىشلەرنىڭ ئومۇمىي تۇرار جايى)؛ نەۋائىي بۇ ئاتالغۇنى «پالۋانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان مەخسۇس ياتاقخانا» دېگەن مەنى
- سەر چەشمەئى ھەيۋان — ھايات بۇلىقى؛
- سەر خەيل — باشلىق ، يېتەكچى ، يولباشچى؛
- سەر دەفتەر — پېشقەدەم ، ئالدىنقى ، ئىلغار؛
- سەر سەبز — كۆكلىگەن ، ياشنىغان ، ياشنىغۇچى، شاد ، خۇرسەن؛
- سەرئ — ھوشسىزلىنىش ، تۇتقاقلىق كېسەلى؛
- سەرا — ؛(1) سەراي؛ (2) يەر ، زېمىن ؛ گۆر ، قەبرە؛ [تەھتەس سەرا --- يەر ئاستى]؛
- سەراب — سەراپ ، گىرىمسەن ، ئېزىتقۇ؛ كۆچمە مەناسى: . دۇنيا ؛ [سەراب نەمۇد --- سەرابقا ئوخشاش، تېگى يوق؛