لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەتىر(ساتىر)؛ — ياپماق؛ يوشۇرۇن تۇتماق.
- سەجئ — قاپىيەلىك نەسرى داستان، جۈملە ئاخىرىنى قاپىيەلەشتۈرۈپ داستان ئوقۇغاندەك سۆزلەش؛
- سەججاد — جايناماز؛
- سەجدە — سەجدە ، ماڭلاينى يەرگە تەگكۈزۈش ، ئېگىلىش؛
- سەجدەگاھ — مەسچىت، سەجدە قىلىش ئورنى؛
- سەچمە — پۆپۈك ، كەشتە ، چىلتەك؛
- سەچمەك — خىللىماق ، تاللىماق ، تاللاپ ئايرىۋالماق؛
- سەخا/سەخاۋەت — سېخىيلىق ، قولى ئوچۇقلۇق ، مەردلىك؛ [سەخا ئۆيى --- سېخىيلىق ئۆيى ، قولى ئوچۇقلۇق]؛
- سەخاسىز/سەخاۋەتسىز — بېخىل ، پىخسىق؛
- سەخەت — ئاچچىق ، غەزەپ ، نارازىلىق ، تەس ، قىيىن؛
- سەخت — تەس ، قىيىن ، قاتتىق ، قېتىپ قالغان ، مۇستەھكەم ؛ ئېغىر ، دەھشەتلىك؛ شىدەەتلىك ؛ كۈچلۈك؛ [سەخت جانلىق --- جېنى چىڭ ، جېن
- سەختكوش — قاتتىق تىرىشقۇچى ، كۆپ ھەرىكەت قىلغۇچى؛ [سەختكوش بولماق --- زور كۈچ سەرپ قىلماق ، قاتتىق تىرىشماق]؛
- سەختگوش — پېتىر قۇلاق ، گەپ ئاڭلىمايدىغان ، گەپكە كىرمەيدىغان، كاج؛
- سەختگىر — چىڭ تۇتقۇچى ؛ ئاداۋەت ساقلىغۇچى ، ئۆچ ئالغۇچى ؛ ئاچچىقى يامان؛
- سەخىي — سېخى ، قولى ئوچۇق ، مەرد؛
- سەد — يۈز (100 ) ؛ [سەد بار --- يۈز قېتىم ]؛
- سەد ھازار — يۈز مىڭ
- سەدارەت — باشلىقلىق ، رەئىسلىك ، ۋەزىرلىك ، باش ۋەزىرلىك؛
- سەدەد — نىيەت ، مەقسەت ، كۆزلەش ؛ قوشنا ؛
- سەدەف — قۇلۇلە ، سەدەپ ، قۇلۇلە قېپى، مەرۋايىت قېپى ، قۇلۇلە قېپىدىن ئىشلەنگەن دۆۋەت، مارجان ، تۈگمە؛
- سەدەفكار — سەدەپچى ، سەدەپتىن بۇيۇم ياسىغۇچى؛ سەدەپ قويۇلغان ،سەدەپ تىزىلغان؛
- سەدەفۋار — سەدەپتەك ، سەدەپكە ئوخشاش؛
- سەدەقە — سادىغا ، ئېھسان؛
- سەدەمات — ؛«سەدەمە»نىڭ كۆپلۈكى : توساتتىن كەلگەن زەربىلەر ، زىيان - زەخمەتلەر، ھادىسىلەر، بەختسىزلىكلەر؛