لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەبقەتنەما — ئىلگىرىلىگەن ؛ ئالغا بېسىشقا ئۈندىگۈچى؛
- سەبلەت — مويلاۋ ، بۇرۇت؛
- سەبۇ — كوزا ، مەي قاچاسى؛ كۆچمە مەناسى: مەي ؛ [بوينىغا سەبۇ ئاسماق --- ئىچىملىك ئىچىپ تەرتىپسىزلىك قىلغانلارغا تەنبىھ بېرىش ئۈچ
- سەبۇئ — يىرتقۇچ ھايۋان ؛ ۋەھشىي؛
- سەبۇر — سەۋرىلىك ، چىداملىق ، تاقەتلىك؛
- سەبۇك — يەڭگىل ، ئېغىر ئەمەس ، چاققان؛
- سەبۇكەش — مەي قۇيغۇچى (ئەينى : مەي كوزىسىنى توشىغۇچى) ؛
- سەبۇكبار — يۈكى يەڭگىل ، يېنىك ، يەڭگىل ، چاققان؛
- سەبۇكبارلىغ — يەڭگىللىك ، قېنى قىزىقلىق؛
- سەبۇكپەر — يەڭگىل قانات ، تېز ئۇچار؛
- سەبۇكپەي — ئايىقى يەڭگىل ، چاققان ، تېز يۈرەر؛
- سەبۇكخىز — يەڭگىل ، يېنىك ، چاققان؛
- سەبۇكرەۋ — تېز ماڭغۇچى ، تېز يۈرگۈچى ، چاققان؛
- سەبۇكروھ — خۇشچاقچاق؛
- سەبۇكسار — قېنى قىزىق ، يەڭگىل مىجەز ، كالتە پەم ، تەنتەك ؛ ساياق؛
- سەبۇكسەير — تېز يۈرەر ، يەل تاپان؛
- سەبۇھ — قاق سەھەردە ئىچىلگەن شاراب؛ [سەبۇھ ئەھلى --- سەھەردە شاراب ئىچكۈچىلەر]؛
- سەبۇھكەشان — سەھەردە شاراب ئىچكۈچىلەر؛
- سەبۇھى — ئەتىگەندە ئىچىلدىغان شاراپ.
- سەبۇھىي — قاق سەھەردە شاراب ئىچىش؛ [سەبۇھىي قىلماق --- قاق سەھەردە شاراب ئىچمەك]؛
- سەبى — كىچىك گۇناھسىز بوۋاق بالا.
- سەبىب — بىر تال چاچ، چاچ تالاسى؛
- سەبىر — باشقا كەلگەن پالاكەت ۋە دەرت-ئەلەمگە چىدىماق؛
- سەبىل — ۋاستە ، چارە ، يول ؛ سەدىقە بېرىش ، بېغىشلاش؛