لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەباسەير — شامالدەك تېز يۈگۈرىدىغان ؛ كۆچمە مەناسى: ئات؛
- سەباغ — دەستە ، ساپاق ، تۇتقا ، گەۋدە ، غول ؛ تاياق ، ساۋىغۇچ ، چىۋىق؛
- سەباھ — سەھەر ، تاڭ ئېتىش پەيتى ، ئەتىگەن؛
- سەباھەت — گۈزەللىك ، ھۆسن؛
- سەباھىي — سەھەردە ، ئەتىگەنلىكى؛
- سەبەب — سەۋەب، بانا؛
- سەبەد — سېۋەت؛ [سەبەد باف --- سېۋەت توقىغۇچى]؛
- سەبەرگەلىك — بېدىلىك؛
- سەبەق — دەرس ، ساۋاق ، ئۆگىتىش؛ [سەبەق بەرمەك --- دەرس بەرمەك ، ئۆگەتمەك]؛ [سەبەق يەتكۇرمەك --- دەرس بەرمەك،ئۆگەتمەك]؛ [ سەبەق ئ
- سەبەقخان — ساۋاق ئالغۇچى ، ئوقۇغۇچى؛
- سەبباغ — بوياقچى؛
- سەبت — مەھكەم تۇرۇش ؛ يېزىش ، خاتىرىلەش ، ئەنگە ئېلىش؛ [سەبت ئولماق --- يېزىلماق، خاتىرىلەنمەك]؛ [سەبت ئەتمەك، سەبت ئەيلەمەك --
- سەبر — چىدام ، سەۋر؛
- سەبرۇ شەكىب — سەۋر - تاقەت؛
- سەبز — يېشىل ، كۆك ؛ يېڭى ، ياش ؛ يېشىللىق ، باراقسانلىق؛
- سەبز پوش — يېشىل كىيىنگەن ، يېشىللىققا پۈركەنگەن؛
- سەبزا — يېشىل ، يېشىللىق؛
- سەبزا رەنگ — يېشىل ، مايسىرەڭ؛
- سەبزە — مايسا ، يېشىللىق ، چىمەنزارلىق ؛ يېشىل رەڭ؛
- سەبزەزار — مايسىزار ، ئوتلۇق ، چىمەنزار ، كۆكۈل مەيدان؛
- سەبزەگۇن — يېشىل رەڭ؛
- سەبزەۋار — كۆكەرگەن ، كۆكىرىش؛
- سەبق — ئىلگىرىلەش ، ئۆتۈپ كېتىش ، ئۆتۈش؛ [سەبق ئەلتمەك --- ئىلگىرىلىمەك]؛
- سەبقەت — ئىلگىرىلىك ، ئۆتۈپ كېتىش ، ئۆتۈش؛ [سەبقەت نەماي --- ئىلگىرىلىگەن ، ئالغا بېسىشقا ئۈندىگۈچى]؛