لۇغەتنى كۆرۈش: ز
- زىققا — نەپەس يوللىرىنىڭ سوزۇلما ياللۇغلىنىش كېسەلى بولۇپ، نەپەس يوللىرىنىڭ تارىيىشى ۋە ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن نەپەس ئېلىش قىيىن
- زىكر — ئەسلەش ، خاتىرىلەش ، تىلغا ئېلىش ؛ سۆزلەش ، بايان قىلىش؛ [زىكر ئەتمەك --- تىلغا ئالماق، سۆزلەمەك ، بايان قىلماق]؛
- زىكرى جەھر — ئاشكارا بايان قىلىش ، ئاشكارا تىلغا ئېلىش؛
- زىكىر — تىلغا ئالماق؛ نامىنى ئاتىماق؛ يادلىماق؛ئاللانىڭ نامىنى تىلغا ئالىپ قىلىنغان ئىبادەت.
- زىل — ق. زىلل؛ نازۇك؛ ئىنچىكە؛جاراڭلىق.2)كۆلەڭگە؛سايە؛
- زىلئ — يان ، قىر ؛
- زىلال — ق.زۇلال؛ سۈپسۈزۈك؛ تىنىق ؛ كۆپكۆك سۇ؛ سوغاق ۋە تىنىق سۇ؛ چاڭ-توزاڭسىز سۇ؛
- زىلزىلە — يەر تەۋرەش ، تەۋرەش ، لەرزىگە كېلىش ، تىترەش؛
- زىلقەئدە — زۇلقەئدە؛
- زىلل — كۆلەڭگە ، سايە ؛ ھىمايە ، ھامىيلىق؛ [زىلل شەجەر --- دەرەخ سايىسى]؛
- زىللەت — خارلىق ، پېقىرلىق ؛ پەسلىك؛
- زىللۇللاھ — ئاللاھنىڭ سايىسى ؛ پادىشاھ؛
- زىللى ئىقبال — بەخت سايىسى ، بەخت ؛
- زىللى ئىلاھ — ئاللاھنىڭ سايىسى ؛ پادىشاھ ؛
- زىللى جاھ — مەنسەپ سايىسى، مەرتىۋە كۆلەڭگىسى ؛ ئۇلۇغۋارلىق؛
- زىللى رەئفەت/زىللى ئاتىفەت — مېھرىبانلىق ، شەپقەت ، رەھىمدىللىك ، مەرھەمەت؛
- زىلھىججە — زۇلھىججە؛
- زىمام — يۈگەن ، تىزگىن ؛ كۆچمە مەناسى: ئىختىيار؛
- زىمان — كېپىل بولۇش ، كېپىللىك ؛ كاپالەت ، گۆرۈ ؛
- زىممە — مەجبۇرىيەت ، مەسئۇلىيەت ، بۇرچ ، قەرز؛
- زىمن — ئوتتۇرا ، ئارا ، ئىچ ، ئوتتۇرىسىدا ، ئاراسىدا ، ئىچىدە؛
- زىمنەن — ئۆز ئىچىگە ئالغان ، ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا؛
- زىن — ئىگەر («ئى» ئۇزۇن سوزۇق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) ؛
- زىنا — زىنا ، (قانۇنسىز)شەرىئەتكە خىلاپ جىنسىي ئالاقە؛ نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەت؛ [ۋەلەدۇز زىنا --- زىنادىن بولغان بالا ،ھارامد