لۇغەتنى كۆرۈش: ز
- زىر — ئاست ، بىر نەرسەنىڭ تېگى ، پەس ، تۆۋەن ؛ مۇزىكادا ئەڭ زىل تاۋۇش؛
- زىر دەست — بىركىمنىڭ قول ئاستىداكى ، تەۋە ، قاراشلىق ، بېقىندا؛مەغلۇپ؛ [زىر دەست ئولماق ---تەۋە بولماق ، بېقىندا بولماق ، بوي سۇنما
- زىرا/ زىراكى — چۈنكى ، سەۋەبتىن؛
- زىرائەت — ئېكىن ئېكىش ، دېھقانچىلىق ، زىرائەت؛
- زىرائەتلىك — زىرائەتلىك ، ئېكىنزارلىق ، مەھسۇلاتلىق؛
- زىرە
- زىرنىخ — گۈڭگۈرت بىلەن ئارسىننىڭ ئارىلاشمىسى؛
- زىروبەم — زىل؛ بوم.
- زىرۇ زەبەر — ئاستىن - ئۈستۈن ، ئاغدۇرۇلغان ، ئۆڭتۈرۈلگەن ، پارسچىدا، «ئى ، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرىنى بىلدۈرىدىغان بەلگەلەر؛
- زىرۇبەم — زىل ۋە بوم تاۋۇش؛
- زىرۋە — تاغنىڭ ئەڭ يۇقارى قىسمى ، چوققا؛
- زىرى بار — خىجالەتتە قېلىش (ئەينى : يۈك ئاستىدا قېلىش)؛ [زىرى بار ئەتمەك --- خىجالەت قىلماق، ئىزا تارتقۇزماق]؛
- زىرى تەگىن — بىركىمنىڭ قول ئاستىداكى، تەۋە ، قاراشلىق؛
- زىرىق — تاغلاردا ئۆسىدىغان پۇرچاق چوڭلۇقىدا قىزىل مىۋىلىك ئۆسۈملۈك.
- زىرىھ — ؛1) زىر، ، ھالقا ، سىرغا؛ (2) ساۋۇت ، ئوق ۋە قىلىچ ئۆتمەيدىغان ئۇرۇش كىيىمى؛
- زىرىھ * — ساۋۇت؛ تۆمۈر كىيىم.
- زىرىھپوش — ساۋۇت كىيگەن ، ساۋۇتلۇق؛
- زىرىھگەرلىك — ساۋۇتچىلىق ، ساۋۇت ئىشلەش كەسپى؛
- زىرىھلى — ئۈستىنى تۆمۈر بىلەن قاپلىغان ، تۆمۈر قاپلىق ، ساۋۇتلۇق ، ساۋۇت كىيىملىك؛
- زىست — ھايات ، تىرىكلىك؛ [ زىست قىلماق --- ياشىماق، تىرىكچىلىك قىلماق]؛
- زىشت — خۇنۈك ، تۇتۇق ، يامان ، ئوسال ؛ سەت ، بەتبەشىرە ، پاسكىنا؛ [فىئلى زىشت --- پەيلى يامان، يامان قىلىق]؛
- زىشت روي — كۆرۈمسىز ، سەت ؛ بەتبەشىرە؛
- زىشىت پەئال — سەت قىلىق؛ نالايىق ئىش.
- زىق — تارلىق ، قىسلىق ، جىددىيلىك؛ تار ، قىس؛