لۇغەتنى كۆرۈش: ر
- راغ — تاغ ئېتىكى ، تاغ باغرى ، ئوتلاق ، يايلاق ، چىمەنزار ، باغچا؛
- راغىب — خاھىشلىق ، ئارزۇلۇق ، مەيلى بار ، قىزىقىدىغان ، تەلپۈنگەن؛ ھەۋەسكار؛
- راغىبىييەت — مەيل ، قىزىقىش ، خاھىش ، ھەۋەس؛
- رافەت — يېقىنلىق؛
- رافىئ — يۇقارى كۆتۈرگۈچى ، يۈكسەلدۈرگۈچى؛
- رافىزىي — رەد قىلغۇچى ، خائىنلىق قىلغۇچى ، دىندىن چىققان، دىن خائىنى(ئاساسەن سۈننىي مەزھىپىدىن شىئە مەزھىپىگە ئۆتكەنلەر كۆزدە تۇتۇ
- رافىزىيە — ؛«رافىزىي»نىڭ ئاياللىق شەكلى؛
- راقىم — خەت يازغۇچى ، خەت كۆچۈرگۈچى ، يازغۇچى ، رەسسام ؛
- راقىي — داخان ، پېرىخون ، باخشى ، ئەپسۇن ئوقۇغۇچى ، جادۇ قىلغۇچى؛
- راكون — راكون--كىچىك ۋە ئەقىللىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، كۆپىنچە شىمالىي ئامېرىكادا ياشايدۇ، بىراق باشقا رايونلاردىمۇ (مەسىلەن
- راكېتا — جەڭ/قورال-ياراق ئاتالغۇلىرى؛
- راكىئ — رۇكۇغا بارغۇچى ، يۈكۈنگۈچى ، يۈكۈنۈپ ئىبادەت قىلغۇچى ، ئېگىلگۈچى، بېشىنى ئەگكۈچى؛
- راكىب — ئاتلىق ، ئات - ئۇلاققا مىنىپ ماڭغۇچى؛
- رام — بويسۇنغان ، ئىتائەتمەن ، رايىش ؛ ئۆگىتىلگەن ، كۆندۈرۈلگەن؛
- رام قىلىۋالماق — ئۆزىگە قارىتىۋالماق.
- رامشىي — كۈيلىگۈچى ، چالغۇچى ، مۇزىكانت ، ناخشاچى؛
- رامكا — Framework(ئىسىم)-- كومپيۇتېر پىروگراممىلاشتا يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ئاس
- رامىش/رامشىگەر — ناخشا ، مۇزىكا ، كۆڭۈل ئېچىش ؛ دەم ئېلىش؛ [رامىش ئەيلەمەك --- كۈيلىمەك ، مۇزىكا چالماق ، كۆڭۈل ئېچىپ دەم ئالماق]؛
- رامىھ — ھەرىكەتتىكى ئاتلىق ئەسكەر ؛ نەيزىچى ، نەيزىلىك؛ [سىماكىرامىھ --- كونا ئاسمانشۇناسلىق چۈشەنچەسى بويىچە، ئەسەد (شىر ) بۇرج
- ران — يوتا ، پۇت ، سۆز بىرىكمەسىدە «يۈرگۈزگۈچى ، كەتكۈزگۈچى» دېگەندەك مەنالاردا كېلىدۇ؛ [زەئفران --- كۈچسىزلىكنى يوقاتقۇچى ، ك
- راھ — ؛1) شادلىق؛ كۆچمە مەناسى: مەي ، شاراب؛ [راھى رەيھانىي --- كۆكۈش ،خۇشپۇراق مەي]؛ 2)يول ، ئۇسۇل ، تەدبىر ، ئادەت، قائىدە ،
- راھەت بۇلۇش/بوشىشىش — Relax(پېئىل)--تەننىڭ ياكى روھنىڭ كېرىلگەنلىكىنى يۇمشىتىش، ئارام ئېلىش، بوشىشىش، ئاسايىشلىق ھالەتكە كىرىش، قائىدە-قانۇننى
- راھبەر — يول باشلىغۇچى ، يول كۆرسەتكۈچى ، باشلامچى؛
- راھراۋ — يول يۈرگۈچى؛ يولۇچى.