لۇغەتنى كۆرۈش: ر
- رادىف — مىنگەشمەك؛ ئەگەشمەك، (شېئىرنىڭ ھەممە مىسرالىرىدا تەكرارلىنىدىغان قاپىيە سۆز)؛
- رادىكال — Radical(ئىسىم/سۈپەت)--(1) سىياسەت ۋە ئىجتىمائىيەتتە مەۋجۇت سىستېمانى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەكسىل قاراش؛ (2
- راز — يوشۇرۇن ، مەخپىي ، مەخپىيەتلىك سىر؛ ئىچكى سىر؛ [راز ئەيتماق، راز دەمەك --- سىر ئېيتماق ، سىرنى ئاشكارا قىلماق ، سىر ئاڭل
- رازجۇ/رازجۇي — سىر ئىزدىگۈچى ، مەخپىيەتلىكنى ئېچىشقا تىرىشقۇچى؛
- رازدار — سىرداش ؛ خەۋەردار ؛ ئىشەنچلىك؛
- راززاق — پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ماددى تەمىناتىنى (رىزقىنى) بەرگۈچى (خۇدا)؛
- رازۋېتچىك / ئىستىخباراتچى — "رازۋېتچىك " رۇس تىلىدىكى بىر سۆز بولۇپ، ھەربىي مەزمۇندا يوشۇرۇنچىلىق بىلەن دۈشمەن ھەققىدە مەلۇمات توپلاش، كۈزىتىش ياكى
- رازۋېدچىك — Detective(ئىسىم/سۈپەت)--ئىسىم بولغاندا جىنايەت، سىرلىق ئىشلار ياكى مەخپىي ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈش، سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئېچىش بىلەن
- رازى پىنھانىي — يوشۇرۇن سىر ، مەخپىي سىر؛
- رازى نۇھوفت — مەخپىي سىر؛
- رازىق — رىزىق بەرگۈچى ، تويدۇرغۇچى ، باققۇچى؛
- رازىلىق — Consent(ئىسىم/پېئىل)-- بىر ئادەمنىڭ بىر ئىشقا ياكى ۋەزىيەتكە ئۆزىنىڭ ئەركىن ئىرادەسى بىلەن، ھېچقانداق بېسىم ياكى مەجبۇرل
- رازىيانە — ئارپا بەدىيان؛
- راست — ؛1) ئوڭ ، توغرا ، مۇۋاپىق ، تىك ، تۈز ؛ [ راست كەلتۈرمەك --- توغرىلىماق ، ئوڭ كەلتۈرمەك]؛ [راست كەلمەك --- توغرا كەلمەك،
- راستچىل — يالغان ئېيتمايدىغان، راستچىل، توغرىنى ئېيتىدىغان؛
- راسترەۋ — توغرا يولدا يۈرگۈچى ، توغرا ، ھالال؛
- راستكوي — يالغان سۆزلەمەيدىغان؛ سۆزلەگەن سۆزى راست؛
- راستگۇ/راستگۇي — راست سۆزلەگۈچى ، سەمىمىي ئادەم ، راستچىل؛
- راستى رەستى — ؛«توغرا بولساڭ قۇتۇلىسەن» دېگەن مەنادىكى ئىبارە؛
- راسخىن — ؛«راسىخ»نىڭ كۆپلۈكى: راسخ؛
- راسۇ — ئاغمىخان؛
- راسىخ — مۇستەھكەم ، تەۋرەنمەس ، دائىمىي ، مەڭگۈلۈك؛
- راشىت(رەشىدە،رېشىت) ؛ — ئەقىل ئىگەسى؛توغرا يولغا ماڭغۇچى؛ ياخشى يولغاباشلىغۇچە.
- راشىد — توغرا يولدا ماڭغۇچى ؛ ئەقىللىق ، ئىدراكلىق ، زېرەك ، ساداقەتمەن ،سەمىمىي؛